• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە ئۆي سودىسى ياخشى بولدى

    مەنبە : www.nur.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:08 14-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆي سودىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، ئالدىنقى ئالتە ئايدا 20 مىڭ 104 يۈرۈش يېڭى ئۆي سېتىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي 16 مىڭ 120 يۈرۈش بولۇپ، ھەربىر كىۋادىرات مېتىر تاۋار ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6611 يۈەن بولدى.

    11-ئىيۇل، خاتىرجەم ماكانلىشىش 365 تور بېكىتى ئۈرۈمچىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئۆي- مۈلۈك بازىرى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىلدىن كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي- مۈلۈك بازىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ئالدىنقى يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمدىكى سېتىلىش ياخشى بولۇش ۋەزىيىتى ئاساسىدا جانلانغان، ئولتۇراق ئۆي قالدۇقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئۆي باھاسى مۇقىم ئۆرلىگەن. نىمكەش ئۆينىڭ پۈتۈشۈش نىسبىتى يېڭى ئۆينىڭ پۈتۈشۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ، 22 مىڭ 813 يۈرۈش ئارتۇق بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدا يەر خېتى بېجى تولۇقلىمىسىنىڭ تەسىرىدە، يېڭى ئۆينىڭ پۈتۈشۈش نىسبىتى ئاشقان، بۇ يىل 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي- مۈلۈك سودىسى سۇسلاشقان، 3- ئايدىن باشلاپ يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۆسكەن، نىمكەش ئۆينىڭ باھاسى ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆرلىگەن


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى