• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كادىرلار كۆيۈندى، كۆكتىكەنلىكلەر سۆيۈندى

    مەنبە : www.nur.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:50 14-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋەر قىلىدۇ: دېھقانلارغا قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەمەلىي نەپ كېرەك. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپ قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشىپ، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىلى، ئۇلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ .

    كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بېھىشباغ يېزا كۆكتىكەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. تەشۋىق-تەربىيە ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ «كۆزىنى ئېچىپ» نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

    بۇ كەنت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى، خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىسىدە 320 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ كەنتتىكى 60 نامرات ئائىلىگە قوتان سالدۇرۇپ بەردى. نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆسۈمسىز قەرز مەبلىغىدىن 60 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، 12 نامرات ئائىلىگە قوي-كالا، توخۇ تارقىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، 750 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنت ھويلىسىغا 248 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە خىزمەت ۋە ياتاق بىناسى، 500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە مەدەنىيەت كارىدورى سالدۇرۇپ بەردى. 6900 مېتىر كەنت يولىنى قارامايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدى.

    خىزمەت ئەترىتى يەنە «دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى» قۇرۇپ، كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان ياشلارنى «قوش تىل»، قانۇن- تۈزۈم بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى. يەر ماجىراسى، ئىقتىسادىي ماجىرا، ئائىلە ماجىراسىدىن 86 نى ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن سۆيۈنگەن كۆكتىكەنلىكلەر بىردەك:«خىزمەت ئەترىتى بەك ياخشى ئىكەن» دېيىشتى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى