• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى ساقچىلىرى قۇرۇتۇلغان مۇچ ئارىسىغا يوشۇرۇلغان 1.021 كىلوگرام مۇزسىمان زەھەرنى قولغا چۈشۈردى

    مەنبە : www.nur.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:45 14-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىش ئورنىمىزنى بازا ئورنىدا قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك

    نۇر تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى 2- چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىگە بېرىپ، ئەۋەتىشكە ھاۋالە قىلىنغان بىر خالتا قۇرۇتۇلغان مۇچنى توسۇپ قالغان. ساقچىلار مۇچنى قەغەز يەشىككە تۆككەندە قارا خالتىغا ئورالغان بىر پوسۇلكىدىن كىچىك خالتىدىن بىرى چۈشكەن. ئارقىدىن ئۇلار قاتمۇقات ئورالغان بۇ ئورالمىنى ئېچىپ ھىم ئورالغان ئاق كىرىستال ماددا بارلىقىنى كۆرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ 1.021 كىلوگرام مۇزسىمان زەھەر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

    يېقىندا، زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىدىكىلەر ئاممىدىن كەلگەن پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، لەقىمى «ما ئاچا» بولغان سىچۈەنلىك ئايالنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆپ قېتىم زەھەر سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ساقچىلارنىڭ ميەنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىچە، «ما ئاچا» ميەنياڭدىكى «قالتىس» شەخس بولۇپ، شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا «2-بازار» ئېچىشنى پىلانلىغان.

    زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى بىر ئايدىن كۆپرەك رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق «ما ئاچا»نىڭ تەكشۈرۈشكە ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكى، يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ تولىمۇ يوچۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ يېكەنكۆل شىمالىي يولى، چاڭچۇن يولى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ يۈرۈش ئۆي ئىجارىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كۈندە بىر سودىنى پۈتتۈرىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلغانلار ئۇنىڭ كونكرېت ئادرېسىنى بىلەلمەيدىكەن.

    ساقچىلار ئاخىرىدا «ما ئاچا»نىڭ مال مەنبەسى ۋە ئاساسلىق تۇرۇش ئورنىنى ئىگىلەپ، يېڭى شەھەر رايونى چاڭچۇن جەنۇبىي يولىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن جىنايەت گۇماندارى «ما ئاچا»نى قولغا چۈشۈرۈش بىلەن بىللە يەنە چېن xx، جياڭ xxلارنى ۋە 2 پارچە مال زاكاز تالونىنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن.

    مال كەلگەندىن كېيىن ساقچىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 1.021 كىلوگرام مۇزسىمان زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن. نۆۋەتتە، ئۈچ جىنايەت گۇماندارى زەھەر توشۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا داۋاملىق قاراپ چىقىلماقتا



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى