• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بورتالا ئوبلاستى ئاپتونوم رايون بويىچە دورا بىخەتەرلىكىنى باھالاشتا 1–لىككە ئېرىشتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:31 14-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇلتۇر 11– ئايدا 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۈەننىڭ ناھىيە دەرىجىلىك بەش شەھىرىدە دورا بىخەتەرلىكىنى باھالىدى. يېقىندا باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، بورتالا ئوبلاستى 98.02 نومۇر بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە 1– لىككە ئېرىشتى.

    بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى دورا بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى ناھىيە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى باھالاشتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، دورا بىخەتەرلىكىگە ئېنىق تەلەپ قويدى. ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك– دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش، ۋاقتى ئۆتكەن دورىلارنى سېتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى يوق كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈش، ساقلاش ھالقىسى لاياقەتسىز بولۇش، ساختا ئېلان بېرىش قىلمىشلىرىغا نۇقتىلىق زەربە بەردى.

    ئۇقۇشىمچە، ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك– دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇلتۇردىن بۇيان 1800 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ، پاش قىلىش– ئەرز قىلىش دېلوسىدىن 12ىنى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەر دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى
    新icp备10000885号-7 |

    新公网安备 65010202000147号