• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم(قېتىم)يولۇچى توشۇدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:25 14-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خاسىيەت جۈمەنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش گۇرۇھىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭدىكى 15 پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى توشۇغان يولۇچى 10 مىليون 79 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، قولاي ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يولۇچىلارنىڭ مۇھىم تاللىشىغا ئايلانغانلىقتىن، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بۇ يىل يېڭىدىن جېڭجۇ– تۇرپان، تيەنجىن– تۇرپان– غۇلجا قاتارلىق ئىچكىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان توققۇز تارماق لىنىيە، قەشقەر– كورلا – قاراماي، قەشقەر– غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن توشۇلغان يولۇچى 3 مىليون 837 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.5 8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان، قومۇل، قاراماي قاتارلىق ئايرودۇرۇملاردا يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %44تىن يۇقىرى بولدى.

    ئۇقۇشىمچە، يېقىندا يەكەن ئايرودۇرۇمىدا، 9– ئايدا چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇش باشلىنىدىكەن. ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى يەنىمۇ مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى