• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خەلق ئارمىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنايلى(4)

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:22 13-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    زېھنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، غەلىبە قازىنىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىلدى


    «جەڭ قىلغىلى بولغان ئىكەن، جەڭ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، جەڭ قىلىش تەييارلىقى پۈتكەندە جەڭ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، قانچە جەڭ قىلالمىغانسېرى شۇنچە بوزەك بولىدۇ، مانا بۇ جەڭ ۋە تىنچلىقنىڭ دىيالېكتىكىسى».

    − شى جىنپىڭ


             ئۆتكۈر قىلىچ


    2016- يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت بىلوگىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە سۈرەت ئېلان قىلىندى− يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا- يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان 6K- بىلەن خۇاڭيەنداۋ ئارىلى قوشۇلۇپ تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت. تورداشلار سۈرەتنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.
    دۇڭخەي دېڭىزىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنى ئايرىش، دىياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، نەنخەي دېڭىزىنى دائىملىق كۈرەشچى پاراخوتتا چارلاش ... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى.

    نەزەر سالساڭ بىلىنەر جاھان شۇنچىلىك كەڭرى، ئايان بولغاندا ئالدىڭدا ئۆزۈڭنى تەمكىن سەزگىن.

    تەمكىنلىكنىڭ ئارقىسىدا خەلق ئارمىيەسى ئومۇمىي كۈچىنىڭ ئېشىشى بار. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يادروسى جەڭدە غەلىبە قىلىشتۇر؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا جەڭگىۋارلىقنى كۈچەيتىشتۇر.

    «مەن پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرالامدۇ؟ جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنالامدۇ؟ جەڭدە غەلىبە قىلالامدۇ؟ ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار ئەسكەرلىرىنى باشلاپ جەڭگە ئاتلىنالامدۇ؟ جەڭگە قوماندانلىق قىلالامدۇ؟ دېگەننى ئەڭ كۆپ ئويلايمەن». رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى كۈنى بۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى مەسىلىسىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جەڭ قىلىش توغرىسىدا ئويلىشىشنى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەييارلىق قىلىشنى قايتا- قايتا تەكىتلەپ كەلدى. پۈتۈن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە ھەربىي ئىشلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىمنىڭ ئۇچۇرلاشقان قىسمەن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىشىغا تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقاندا، زېھنىنى جەڭدە غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپ ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ زامانىۋى ئارقا سەپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى؛ پۈتۈن ئارمىيە جابدۇق خىزمىتى يىغىنىدا بۇرچنى ئىجرا قىلىش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جابدۇق سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ماددىي تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنى، ھاۋا ئارمىيەسى ئورگىنى، قوراللىق ساقچى قىسىم، جەنۇبىي قىسىم جەڭ رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئورگىنى كۆزدىن كەچۈرۈلدى ... ھەر قېتىم قىسىمىغا بارغاندا جەڭگىۋارلىق ئەھۋالىنى ئەستايىدىل سورىدى. قىسىمدىكى جەڭ قىلىش دىجورنىلىق ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، مۇھىم مانېۋىر لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى، نۇقتىلارنى تاللاپ قىسىمغا تۈرتكە بولدى ... رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي تەلىم- تەربىيەنى ئۆزى بىر قوللۇق چىڭ تۇتتى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بۇنىڭدىن قاتتىق ئىلھاملاندى، قىسىمدا جەڭ ماھارىتىگە پىششىق بولۇش، كۈچنى ئاشۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.

    ئومۇمىي پىروگرامما تۇرغۇزۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنى تۈزۈپ چىقىلدى − دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، ئىستراتېگىيە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى يېڭى تەلىپىنى مەۋقە قىلىپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىش ۋە جەڭنى توختىتىش، ھەيۋە قىلىش ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش، جەڭ ھەرىكىتى ۋە تىنچلىق دەۋرىدىكى ھەربىي كۈچلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراپ ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى تۈزۈشكە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، يېڭى تارىخىي دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلاردا كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئۇچۇرلاشقان قىسمەن جەڭدە غەلىبە قىلىشقا قارىتىپ، دېڭىز ھەربىي ئىشلار كۈرىشى ۋە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي ئىشلار كۈرىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشنى مىزان ۋە نىشانغا ئىگە قىلدى.

    2015- يىل 5- ئاينىڭ 26- كۈنى «جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى» دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەنلىكى، ئاشكارىلىقلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

    ئۆلچەم ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ كوردىناتى توغرىلاندى −

    «جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بىردىن بىر تۈپ ئۆلچەمنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇش قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىش، تەييارلىقنى تۇتۇش كېرەك»، بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە چۈشۈرگەن پەرمانى. بىر «بىردىنبىر»، بىر «تۈپ»، ۋەزىنلىك ئېيتىلغان بۇ قوش مەنىلىك ئېنىقلىغۇچىلار پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ، ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتى قانۇنىيىتىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى دېگەن نېمە، جەڭگىۋارلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قاراش كېرەك، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىش كېرەك ... بىر مەيدان داغدۇغىلىق «جەڭگىۋارلىق توغرىسىدا مۇھاكىمە» پۈتۈن ئارمىيەنى قاپلىدى، بۇ يۇقىرىدا ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىنى، تۆۋەندە ئادەتتىكى ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دائىرىسى كەڭ، كۈچى زور، تەسىرى چوڭقۇر، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز ئۇچرايدىغان، «ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئۆلچەم مەسىلىسى مۇھاكىمىسى» دەپ ئاتالدى. پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرى تۆۋەن جەڭگىۋارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش تەدبىرىنى ئورتاق تۈزۈپ، «پۈتۈن زېھنىمىزنى جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جەڭ قىلىشقا قارىتايلى»دىن ئىبارەت يۆنىلىش تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى.


    ھەقىقىي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي جەڭ مەشىقى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى −

    جۇرىخې، ئەسلىدە ھېچكىم بىلمەيدىغان سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى بۇ كىچىك بازار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا- ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي جەڭ مەشىقى تۈپەيلى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ ياز «ھالقىش» نامىدىكى ئەمەلىي قارشىلىشىش مەزمۇنىدىكى مانېۋىر بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، 91 بىرلەشمە لۈ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىن جەڭگە قاتناشقىلى كېلىپ، كەسپىي «كۆك ئارمىيە» بىلەن تەكرار كەسكىن جەڭ قىلدى. «قىزىل تەرەپ ئالتە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، بىر قېتىم غەلىبە قىلدى!» تۇنجى نۆۋەتلىك مانېۋىر نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. 
    «ھەربىي ئىشلار مەشىقىدە نېمىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؟ مېنىڭچە ئەمەلىي جەڭنى چىڭ تۇتۇش كېرەك»، «جەڭنى قانداق قىلماقچى بولسا، ئەسكەرلەرنى شۇنداق تەربىيەلەپ، ھەربىي ئىشلار مەشىقىدە ئەمەلىي جەڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك» ... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىلىرى ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، پۈتۈن ئارمىيەدە ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىملار قاتناشقان، رايون ئاتلىغان بازا خاراكتېرىدىكى مەشىقتىن 200 نەچچە مەيدان، بىرلەشمە مەخسۇس مەشىقتىن 100 نەچچە مەيدان، ئارمىيە- ئەسكەر تۈرى بىر- بىرىنى شەرت قىلغان مەشىقتىن 100 مەيدانغا يېقىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەشىق مەيدانىغا قارايدىغان بولساق، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ فىلوتى شەرقىي تىنچ ئوكياندا سەپراس تۇرۇپ، مانېۋىرغا قاتناشقان ھەربىي كۈچى ئەڭ كۆپ، مەشىق ئامىلى ئەڭ تولۇق، مۇداپىئە سېپىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇشتەك بىر نەچچە جەھەتتە رېكورت ياراتتى؛ ھاۋا ئارمىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە «قىزىل شەمشەر»، «سىستېما قارشىلىشىش»، «كۆك قالقان» ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، «ئالتۇن ساۋۇت» ناملىق ئەركىن ھاۋا ئۇرۇشى، «ئالتۇن ئۇچار نەيزە» تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت تۆت ئەمەلىي جەڭلەشكەن كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى يېتەكچى قىلغان مەشىق قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ راكېتا ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىدىكى بارلىق تىپتىكى راكېتانى ئارقا- ئارقىدىن ئېتىش، پۈتۈن لۈ باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچى ئارقىلىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەپ، ئىستراتېگىيە ھەيۋىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇردى؛ ئۇچۇرلاشقان شارائىتتا بىرلەشمە مانېۋىر ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىش «بارلىق سىستېما، بارلىق ئامىل قاتنىشىش، ئىستراتېگىيەلىك جەڭگىۋارلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تولۇق ئۆلچەملىك سىفىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش» گەۋدىلىك نامايان قىلىندى...

    2016- يىلى 6- ئايدا ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە ئەمەلىي جەڭگىۋارلىق ھەربىي ئىشلار مەشىق سۆھبەت يىغىنىدا مەشىق ئىستىلى، مانېۋىر ئىستىلى، سىناق ئىستىلىدىكى ئىللەتكە بىۋاسىتە زەربە بېرىلىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە قايتا سەپەرۋەر قىلىندى. يېرىم يىلدىن كېيىن، «ھەربىي مەشىق تۈزۈمى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 28 مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» پۈتۈن ئارمىيەگە تارقىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلدى، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئورۇنلار ۋە مەسئۇل خادىملار بىر تەرەپ قىلىندى، بۇ 57 ئورۇن، 99 كادىرغا چېتىلدى.

    جاسارەتلىك بولۇپ، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، جەڭدە غەلىبە قازىنىدىغان كۈرەش روھى يېتىلدۈرۈلدى − جەڭدە ئەزەلدىن رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپ قالىدۇ، كىم جۈرئەتلىك بولسا، شۇ جەڭدە غەلىبە قىلىدۇ، ئىنقىلابىي ھەربىيلەردە بىرىنچىدىن جاپادىن، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھ بولۇشى كېرەك.

    2015- يىلى 1- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئەسلىدىكى 14- جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇ قىسىمدىكى 19 ياشلىق ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ جيەنچۈەننىڭ جەڭ مەيدانىدا ئانىسىغا يازغان شېئىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنى «ۋەتەن ئۈچۈن قېنىدا جەڭ بايرىقىنى بويىغان» جاسارەتلىك ھەربىي دەپ تەرىپلىدى.

    پۈتۈن ئارمىيە «كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر» بويىچە، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ھەر قايسى قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلاشتۇرۇش مەشىقى ۋە كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپىلەرنى تەدرىجىي ئىجرا قىلىشتا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم چۆكمە كېمە بازىسى، راكېتا قىسىمىنىڭ مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمدە «دېڭىزدىن ئارزۇ ئىزدىگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاۋانگارت» جاڭ چاۋ، «بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان سادىق قوغدىغۇچى» جاڭ نەن، تىنچلىقنى قوغدىغۇچى ئىنقىلابىي قۇربان شېن لياڭلياڭ، لى لېي، ياڭ شۇپېڭ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قەھرىمان ليۇ جىڭتەي قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر تۈركۈم قەھرىمانلارغا ئوخشاش ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي ئەسكەرلەرگە خاس ئوت يۈرەك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك.

    مەشىققە چىداملىق، ئۇرۇشقا تەييار ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش − مەشىق مەيدانىغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن غەلىبە خەۋىرى باش قومانداننىڭ قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلمىسىدىكى كەمچىللىكلەرنى چوڭقۇر كۆزىتىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. 
    مىڭ لەشكەرنى تاپماق ئاسان، بىر سەركەردىنى تېپىش قىيىن. 2016- يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇچىسىغا ئالا- بۇلىماچ كىيىم كىيىپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پۈتۈن ئارمىيەدىن ئادەتتىكىدىنمۇ ياخشى چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلغۇچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇشنى، جەڭدە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    رەئىس شى جىنپىڭ يەنە، جەڭ قىلىشنى خالايدىغان، جەڭ قىلىشنى كۆزلەيدىغان، جەڭ قىلالايدىغان كادىرلارنى ئىشلىتىش، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۈشكۈل، مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللارنىڭ تەرجىمىھالىغا قارايدىغان بولساق، ئەمەلىي ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، بىرلەشمە مانېۋىر ۋە بىرلەشمە مەشىققە قوماندانلىق قىلغان، كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان... بىر قاتار « يۇقىرى باھالىق سۆزلەر» روشەن يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، غەلىبە قىلىش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان جەڭگە ماھىر تىپتىكى قوماندانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرەلەيمىز.


             ھالقىش

    پايتەخت بېيجىڭدا مېترو ئالدىراش قاتنىماقتا. كىشىلەر «3- سېنتەبىر» غەلىبە كۈنى ھەربىي پاراتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئالدىغا كېلىپ، ھەربىي پاراتنى ھاياجان بىلەن كۆرۈۋاتاتتى.

    شۇ قېتىملىق ھەربىي پاراتتا خەلق ئارمىيەسىنىڭ قورال- جابدۇقلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمىنى تولۇق دەلىللەپ بەردى.

    رەئىس شى جىنپىڭ 2016- يىل 3- ئاينىڭ 13- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا نۇقتىلىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىشنى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»دا ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك پەن- تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

    يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ نېمە دېگەن ۋەزىنلىك سۆزلەر- ھە!

    بۇلتۇر 1- ئايدا يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان ھەربىي كومىتېتنىڭ 15 فۇنكسىيەلىك تارمىقى بارلىققا كەلدى. ئەستايىدىل كىشىلەر ئىلگىرىكى قورال- جابدۇق، پەن- تېخنىكىدىن ئىبارەت «ئىككى بىرلەشتۈرۈلگەن» ئەندىزە بۇزۇپ تاشلىنىپ، ھەربىي كومىتېت قورال- جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمى تەڭشەپ تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇش بىلەن بىللە، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھەربىي كومىتېت پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى.

    دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ھەربىي كومىتېت پەن- تېخنىكا كومىتېتىنى قۇرۇشتا، ئاساسلىقى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، پەن- تېخنىكا ساھەسىدە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

    يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

    «زور كۈچ سەرپ قىلىپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، ئىلمىي باشقۇرۇشنى تۇتۇش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشنى تۇتۇش، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ تۈرتكە بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭ يېڭىچە ئۇرۇش قىلغۇچى كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، تور، ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق قورال- جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىش، زور تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە يېڭى ئۇقۇم تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    رەئىس شى جىنپىڭ 2014- يىل 12- ئاينىڭ 3- كۈنى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال- جابدۇق خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇچۇر يېتەكچى قىلىنغان سىستېما قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ قورال- جابدۇق قۇرۇلۇشى ھالقىما تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ئايلاندى.

    پۈتۈن ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، دۇنيا ھەربىي پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇش ۋە بۇرچنى ئادا قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قورال- جابدۇق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئەلالاشتۇردى.

    باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى چېن دېمىڭنىڭ ئىش- ئىزلىرى 2016- يىلى 7- ئايدا ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىلدى.

    بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جۇخەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى بىر ئەۋلاد كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى «قىرغۇچى − 20»، «چوڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى − 20» ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ بىر قېتىملىق ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان يېرىمدىن كۆپرەك قورال- جابدۇقلار يېڭى مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ.

    تورداشلار جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش سۈرئىتىنى «قازانغا تۈگۈر سېلىش»قا ئوخشاتتى. 2016- يىلىدىلا «شاڭتەن» ناملىق پاراخوت، «باۋدىڭ» ناملىق پاراخوت، «خېزې» ناملىق پاراخوت، «يىنچۈەن» ناملىق پاراخوت قاتارلىق 20 نەچچە يېڭى تىپتىكى پاراخوت ئۇرۇش سېپىگە كىردى. 2017- يىل 4- ئاينىڭ 26- كۈنى دۆلىتىمىز ئىككىنچى ئاۋىياماتكىنى سۇغا چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت خوشاللىققا چۆمدى.

    ھاۋادىن ھاۋاغا، ھاۋادىن يەرگە، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن تارتىپ، ئىلغار ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغىچە؛ يېڭى بىر ئەۋلاد قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىدىن يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغىچە؛ قوماندانلىقنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى، تاكتىكا يۇمشاق ماتېرىيالىغىچە... بەش يىلدىن بۇيان ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم قورال- جابدۇقلار ھەربىي قىسىملارنىڭ قورال- جابدۇقلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

    «بىز يەنە كۆرۈشتۇق!» رەئىس شى جىنپىڭ 2016- يىل 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئارمىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ما ۋېيمىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنىدا، ما ۋېيمىڭ يېتەكچىلىك قىلغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى مۇكاپاتلىغانىدى.

    يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چاسا سېپىنىڭ بىرىكىش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2016- يىلىغىچە، ئارمىيەدىن 31 كىشىگە «گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس» دېگەن نام بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 كىشى ئاكادېمىك بولۇپ يېتىشتى.

    رەئىس شى جىنپىڭ 2013 - يىل 11- ئاينىڭ 5- كۈنى دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇش كېرەك.

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى