• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تۇرپاننىڭ «چىدىغۇسىز» ئىسسىقى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي كىرىم ياراتتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:55 13-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېىتى خەۋىرى: تۇرپان مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئىسسىق جاي، تۇرپان شەھىرى بۇنداق ئۆزگىچە كىلىمات ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىللارنى ئاپتاپقا سېلىپ، ئىسسىققا چىدامچانلىقىنى سىناش مەيدانلىرىنى تەسىس قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، خىميە سانائىتى ماتېرىيالى، سۇلياۋدىن ياسالغان بۇيۇملار، كاۋچۇك بۇيۇملار قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى 25 مىڭ خىل زاپچاس ۋە ماتېرىيال بۇ يەردە ئاپتاپقا سېلىنىپ، سىناققا قويۇلدى، بۇلار تۇرپان شەھىرىگە 100 مىليون يۈەندىن كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

    ھەر يىلى تۇرپان شەھىرىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يالقۇنتاغ باغرىدىكى كەڭ كەتكەن سايغا ياسالغان سىناق مەيدانى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېڭى ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدىن 1000دىن كۆپ ئاپتوموبىل تۇرپانغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئاپتاپ سىنىقى ۋە دىنامىكىلىق سىناققا سېلىنىدىكەن. بۇ يىل ھازىرغىچە 35 كارخانا تۇرپاندا ئاپتوموبىللىرىنى ئاپتاپ سىنىقى قىلغان بولۇپ، سىناق قىلىنغان ئاپتوموبىل 301 دانە بولغان، سىناققا كەلگەن ئادەم 500دىن ئاشقان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىللار زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم «ئۈچ يۇقىرى» سىنىقىدىن يەنى، قاتتىق سوغۇق سىنىقى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا سىنىقى ۋە ئېگىزلىك سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن




    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى