• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:04 13-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ تۈنۈگۈن باش پروكۇراتورلار مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى، مەركىزىي سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى، يەنە بىر قولدا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئون جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈستىگە ئالغان 29 ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسەن ئورۇنلاندى ياكى ئاياغلاشتى؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويغان 91 كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ 81 ئورۇنلاندى ياكى ئاياغلاشتۇرۇلدى، ھازىر ئىككى تۈر سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ سۇبيېكت رامكىسى ئاساسەن ئورنىتىلدى، بۇ ئەدلىيە قائىدىسىنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار ئەرز دېلولىرىنى قايتا تەكشۈرۈش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جىنايى ئىشلار ئەرزىنى قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى قۇتقۇزۇش كاپالىتى سالمىقىنى زورايتتى. بىر قەدەر زور تالاش- تارتىش بولۇۋاتقان ياكى ئىجتىمائىي تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان جىنايى ئىشلار ئەرز دېلولىرىنى ئاشكارا تەكشۈردى. ئەرز داۋامىدا بايقالغان «جاڭ فامىلىلىك تاغا ۋە جىيەننىڭ باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى»، «يۈ يېڭشېڭنىڭ خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈش دېلوسى»، «چېن مەننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى»، «شېن ليۇجىن» دېلوسى قاتارلىق چوڭ ناھەق، خاتا دېلولارغا قانۇن بويىچە نارازىلىق ئەرزى ياكى قايتا تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىپ، خاتالىق تۈزىتىلدى.

    «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى