• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئېلىمىز جەمئىيەت ئامانلىقنى تۈزەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتى

    مەنبە : hawar.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 16:18 13-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتى دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى، كەينى كەينىدىن بىر يۈرۈش ئەل رايىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي تەدبىرلەرنى، قاتتىق تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى، بولۇپمۇ ئامما ئىنكاس قىلغان ئىش بېجىرىش قولايسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىشقا تېگىشلىكلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئاممىغا ھەقىقىي قولايلىق يارىتىپ بەردى.

    ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى باشقا جايدىمۇ قوبۇل قىلىش، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ئىلتىماسى ۋە يوقاپ كەتسە ئىگىسىنى چاقىرىش ھەمدە كۆزنەكلىك ئىدارە ئورۇنلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى 24 خىل تەدبىر باشقا جايدا خىزمەت قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەرنى بېرىپ كېلىپ قاترىمايدىغان قىلدى. مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: تۇراقسىز ئاھالىلەر بۇنى يېقىندىن ھېس قىلدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق شارائىتلارنى ھازىرلىدى، بىز دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ماسلىشىپ، ئاممىغا ئەتراپلىق، قولايلىق مۇلازىمەت قىلدۇق.

    يەرلىكتە نومۇر تاختىسىنى تارقىتىش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 20- ئىيۇن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نومۇر تاللاش سىستېمىسى ۋە نومۇر تاختىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى توسۇپ، نومۇر تاختىسىنى تارقىتىشنىڭ ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ساقچىسى ۋاڭ گوچياڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، نومۇر تاختىسى بىر تۇتاش تارقىتىلىدۇ، نومۇر بايلىقىنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ، نومۇر تاختىسىنى تارقىتىش ئۇسۇلى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، نومۇر كۆلچىكىنى قوغداش باشقۇرۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ، بىرلىككە كەلگەن نومۇر كۆلچىكى تەسىس قىلىنىدۇ، نومۇر كۆلچىكىدىكى نومۇرنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېر ئاپتوماتىك قويۇپ بېرىدۇ، ئاپتوماتىك تولۇقلايدۇ ۋە كۆپەيتىدۇ؛ ئۈچىنچى، بىرلىككە كەلگەن نومۇر بايلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، نومۇر تاختىسى بايلىقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ بىر تۇتاش ئەنگە ئېلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى توردا «خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى» نى بەرپا قىلىپ، نوپۇس سىياسىتى، ئامانلىقنى ساقلاش، چېگرىدىن كىرىش- چىقىش، قاتناش باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى توردا بېجىردى، 24 سائەت ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى، بىخەتەرلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسىلا توردا 10 چوڭ تۈردىكى 130 نەچچە تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئاممىنى ئاز قاتراش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتى ئاممىغا ھەقىقىي ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

    «تەڭرتاغ تورى»



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى