• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ھاياتقا تەھدىت ئىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:55 03-07-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىتالىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 4440 ئادەمنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشتى: ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسىنى كۆپ يېگەن ئادەمنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن، بىراق ھازىر بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: تەتقىقات داۋامىدا، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسىنى يېمەيدىغان ئادەمگە قارىغاندا، ھەپتىدە ئىككى ۋاق ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ يەيدىغان ئادەم دۇچ كېلىدىغان خەتەر بىر ھەسسە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. چۈنكى بەرەڭگە ياغدا پىشۇرۇلۇش داۋامىدا ئاكرىل ئامىد پەيدا بولىدىكەن، بۇ خىل ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنى بەك چوڭ، شۇڭا ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسىنى يېمىگەن ياخشى.

    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى