• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياۋروپا ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولدىمۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:23 03-07-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكىدىكى «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 30- ئىيۇن خەۋىرى: بۇلتۇر بالتىق دېڭىزى بويىغا جايلاشقان گېرمانىيەنىڭ 413- يېنىك پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونىنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى مەرگەن مىلتىقى ۋە تانكىغا قارشى قوراللىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا داتلاپ بەرگەنىدى.
    ئۇلار مانېۋىر جەريانىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا قىسىمنىڭ تەقلىد قىلىنغان ئۇرۇش مەيدانى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانغا يېتەرلىك ئوق- دورىسىنىڭ يوقلۇقى، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ مىلتىق زەمبىرەك ئاۋازىنى قۇرۇق تەسەۋۋۇر قىلىشىغا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
    ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىسىملار ھەربىي خىراجەتنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تۈپەيلى قورال- ياراغ قىس بولۇشتەك ئاۋارىچىلىككە دۇچ كەلدى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ھەتتا تور ئارمىيەلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ مايدا ش ئا ئە ت نىڭ يېڭى باش ئىشتابىدا ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن يېتەرلىك خىراجەت ئاجىراتمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان نېسى قالدۇرغان ھەربىي ئىشلار قەرزىنى قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپالىقلاردا نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللەندى.
    ياۋروپادىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار ش ئا ئە ت گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا قەرز ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق ئۇلار يەنە ترامپنىڭ خاتالاشمىغانلىقىنى، يەنى ياۋروپانىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
    2015- يىلى نويابىردا پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېلگىيە دائىرىلىرى نەچچە يۈز ئەسكەرنى بىريۇسسېل كوچىلىرىنى چارلاشقا ئاجراتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئامېرىكىدىن 1000 يۈرۈشكە يېقىن مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
    ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھازىر قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن 19ى بار. 1982- يىلى فالكلاند تاقىم ئارىلى (ئارگېنتىنا مالۋېناس تاقىم ئارىلى دەپ ئاتايدۇ)دىكى جەڭدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ خىل پاراخوتلىرىدىن 55 ى بار ئىدى.
    ئۇرۇش قىلىش ياكى ئۇرۇشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئوق- دورا ۋە بومبىغا تايىنىش بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. ئەسكەرلەر ۋە قورال- جابدۇقلارنى چوقۇم ئالدىنقى سەپكە يۆتكەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى لازىم بولىدۇ. ھەربىي قورال- ياراغ ئامبىرى چوقۇم ئوق- دورا بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقىنى ئىشلەيدۇ. ئارمىيە چوقۇم ئۆزىنى قوغداش ۋە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل قوراللار لازىم بولىدۇ. نۆۋەتتە ياۋروپادا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىس بولماقتا.
    گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئارقا - ئارقىدىن قىسقارتىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار خىراجىتى ياۋروپانىڭكىدىن يەنىلا يۇقىرى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەتتىكى قىسىمىنىڭ مەشىق قىلىش ۋە قورال- ياراغ سەۋىيەسىلا ئادەتتە ياۋروپا ئارمىيەسىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ش ئا ئە ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت خامچوتى 680 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ش ئا ئە ت گە ئەزا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى، يەنى 242 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.
    نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ياۋروپالىقلار تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇل بىلەن ھەربىي ئىشلار قاتتىق دېتالى قۇرۇش، قىسىم تەشكىللەش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەمما بۇ خىزمەتلەر ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇب بولغان، ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەن ياكى مۇرەسسەچىلىكتە قالغان. ياۋروپالىق ئەمەلدارلار ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش ئەللەرنىڭ ھازىرقى جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ 6/1 قىسىم جەڭگىۋارلىقىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    ئامېرىكىلىقلار ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ياۋروپالىقلارنى دۆلەت مۇداپىئەسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى، دەپ ئەيىبلەيتتى. ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن ھەمدە سۇرىيەنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، ھەقىقىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنغان. ئىككى قېتىملىق ھەرىكەتتە رۇسىيەنىڭ يېڭى تاكتىكىسى ۋە يېڭى قوراللىرى نامايان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىپەرۋالىق بىلەن قارالغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دىكى قورال- ياراغلار يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
    ئەنگلىيەدىكى «جېن جەمەتى خەلقئارالىق بىرونېۋىك» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى كىرستوف فوس مۇنداق دېگەن: رۇسىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور زامانىۋىلىشىش تەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ش ئا ئە ت نىڭ ھازىرقى قورال- جابدۇقلىرىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى .
    ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەنىڭ ش ئا ئە ت چېگراسىدا ئىش تېرىشىدىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال دۇنيا ئەھلىگە ش ئا ئە ت نىڭ ئوت كۈچىنىڭ ھەر قانداق توقۇنۇشتا غەلىبە قىلىشقا قۇربى يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.
    تارىختا زور نام- شەرەپكە نائىل بولغان ئەنگلىيەنى مىسالغا ئالساق، خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە بىرمۇ ئاۋىياماتكىسى يوق. ئۇلار ھازىر ئىككى يېڭى ئاۋىياماتكىنىڭ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلۇشىنى كۈتمەكتە. 2021- يىلى «ئايال پادىشاھ ئېلزابېت» ناملىق ئاۋىياماتكا قوزغالغاندا ئەنگلىيە ئاۋۋال ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىمىدىكى «F-35B» بەلگىلىك ئايروپىلاننى بىر مەھەل ئىجارىگە ئېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەنگلىيە ئارمىيەسى سېتىۋالغان ئايروپىلانلار توپى ھازىر ياسىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى