• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:16 03-07-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا مۇلازىمەت قىلىشنى مەركەز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ– چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
    كېلىشىمگە ئاساسەن، پوچتا ئامانەت بانكىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، نۇقتىلىق تۈرلەر، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ئۈچۈن، سۈپەتلىك، يېڭىلىق يارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىدۇ ۋە بۇ تۈرلەرنى مۇددىئا خاراكتېرىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ قوللايدۇ ھەم شەھەر– بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر – يېزا چىقىم راسچوت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››قۇرۇلۇشىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى بىلەن ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.
    جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لى گوخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىرى. پوچتا ئامانەت بانكىسى شىنجاڭنى داۋاملىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق رايون، دەپ قاراپ، تور ئۈستۈنلۈكى، مەبلەغ ئۈستۈنلۈكى، ئىختىساسلىقلار ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بانكا باشلىقى لۈ جياجىن بىلەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى››نى ئىمزالىدى.


    « تەڭرىتاغ تورى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى