• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يەنىلا ئەخلاق ھەممىدىن قىممەتلىك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:51 01-07-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    چېن گاڭ
    نورمان سىۋارز ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ئىدى، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئۇ «قۇملۇق بورىنى» ھەرىكىتىنىڭ باش سەركەردىسى بولغان، شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرى ئارىسىدا ئۇنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلار يوق ئىدى. 1991- يىلى نورمان ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ پېنسىيەگە چىقىشقا تەييارلاندى، بىراق بۇ چاغدا ئەينى چاغدا پارس قولتۇقى ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان گېنېرال پوۋل نورماننى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ئىشتاب باشلىقلىقىغا تەۋسىيە قىلىپ بولغان، ئۇنىڭ تەۋسىيەسىنى باشقا ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ قوماندانلىرى قوللىغان ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەجرىبە ۋە ئىقتىدار نۇقتىسىدىن چىققاندا، نورماندىن باشقا ئادەم بۇ ۋەزىپىگە مۇۋاپىق كەلمەيتتى.
    نورمان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا شادلاندى، شۇنداقلا كونا باشلىقى پوۋلنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن بەكلا ھاياجانلىنىپ، ئۇنىڭغا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپمۇ بولدى، ئەمما شۇ چاغدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چېنى پوۋلنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلدى. پوۋل ئۇنىڭ قارارىدىن ھەيران قالدى ۋە شۇئان چېنىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ سەۋەبنى سورىۋېدى، چېنى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
    - نورمان ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق، ئەمەلىي ئۇرۇشقا قوماندانلىق تەجرىبىسىمۇ بار، بىراق مېنىڭچە ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ئىشتاب باشلىقلىقىغا ماس كەلمەيدۇ.
    - نېمىشقا؟
    - پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئەسكەر، مۇخبىر ۋە تېخنىكا خادىملىرى پارس قولتۇقى رايونىغا بېرىش ئۈچۈن، ئايروپىلاندا ئون نەچچە سائەت ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى، - دېدى چېنى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، - ئايروپىلاندا ئادەم كۆپ بولغاچقا، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت ئۈزۈلمەيتتى. ئايروپىلاندىكىلەر بەكلا ئاڭلىق ئىدى، بىراق نورمان قول ئاستىدىكى ئىشتاب ئوفىتسېرىنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئۆچرەتتە تۇرغۇزغان، بۇ ئىشلار شۇ چاغدىلا قۇلىقىمغا يەتكەنىدى. مەنمۇ ئىلگىرى ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، شۇڭا مەن بۇنداق ئادەمنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ئىشتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى تازا لايىق كۆرمىدىم.
    شۇ يىلى نورمان پېنسىيەگە چىقتى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، ھېچكىم ئۇنىڭ خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئەخلاق ھالقىسىدا كەتكۈزۈپ قويدى، بۇنداق بولارىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.


    «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • يەنىلا ئەخلاق ھەممىدىن قىممەتلىك
    • يەنىلا ئەخلاق ھەممىدىن قىممەتلىك
    • نورمان سىۋارز ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ئىدى، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئۇ «قۇملۇق بورىنى» ھە ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى