• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:15 30-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    1. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﯦﺪﯨﺌﻮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺒﻪﮬﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﯦﺪﯨﺌﻮﻻﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﯦﺪﯨﺌﻮﻻﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﻼ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﯞﯨﺮﯗﺳﺘﯩﻦ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺗﻮﺭ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
    2. ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺗﻮﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺗﻮﭘﯩﺪﺍ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﺩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﻭﺋﯩﺪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ.
    apk ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﭼﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ.
    3. ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻮﭘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﭘﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ.


    4. ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﻮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺗﺎﻻﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﻮﻻﻕ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ» ﻧﯩﯔ ﺑﻪﺕ ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﮬﻪﻣﻴﺎﻧﯩﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﻮﻻﻕ ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺴﻪ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﻮﻻﻕ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ» ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺳﯩﻼ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﻳﺪﯗ.

    ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﯞﯨﺮﯗﺳﺘﯩﻦ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﻧﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
    1. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ، ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    2. ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﭼﯩﻘﯩﻤﺪﺍﻧﻰ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ، ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻧﯘﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    3. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺑﯩﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    4. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﯞﯨﺮﯗﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.


    « شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى