• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئېلىمىزنىڭ «پاشا جەڭچىلىرى» يەر شارىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە ئالدىنقى سېپىگە «ئاتلاندى»

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:49 30-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    پاشا ھەممە ئادەم يىرگىنىدىغان، بىزار بولىدىغان ھاشارەت. ئەمما ھەرقانداق شەيئىنىڭ مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق ناچار بولمايدىغانلىقىدەك تەبىئەت پەلسەپىسى بويىچە قارىغاندا، پاشىنىڭمۇ ئىنسانلارغا پايدىلىق تەرىپى بار ئىكەن. بۈگۈن دەل ئۇنىڭ ئاشۇ ئارتۇقچىلىقى سۆزلىنىدۇ.
    گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كۆلىمى 3500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر «پاشا زاۋۇتى» بار. بۇ زاۋۇت ھەر ھەپتدە بەش مىليون دانە «پاشا جەڭچى» دەپ نامى بار، تېنىدە ۋولباخ رىككېتسىيەسى ئېلىپ يۈرىدىغان ئاق سىزىقلىق ئېدېس پاشىسى «ئىشلەپچىقىرىدۇ». بۇ خىل پاشا كۆپىيىش ئىقتىدارى ئاساسەن يوقىتىلغان ئەركەك پاشىدۇر. بۇ خىل پاشا پاشا ۋە پاشا تارقىتىدىغان ھەر خىل كېسەللىك كۆپىيىپ كەتكەن رايونلارغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، يەرلىك چىشى پاشا بىلەن جۈپلىشىدۇ. چىشى پاشا تۇغقان «پاشا ھامىلە» يېتىلەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پاشىنىڭ سانى ئازىيىپ، دېنگې قىزىتمىسى، زىكا ۋىرۇسىنىڭ مۇھىم تارقىلىش يولى كېسىلىدۇ. دېنگې قىزىتمىسى، زىكا ۋىرۇسى تىروپىك بەلباغ ۋە سۇپتىروپىك بەلباغلاردا تارقىلىۋاتقان، پاشا ئارقىلىق يۇقىدىغان خەتەرلىك كېسەللىكتۇر. ھازىر زىكا ۋىرۇسى ۋە دېنگې قىزىتمىسىنىڭ ۋاكسىنىلىرى تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، تېخى روياپقا چىقمىدى. پاشىنى خىمىيەلىك ھاشارات يوقىتىش دورىلىرى ئارقىلىق يوقىتىشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئېكولوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقاچقا، دېگەندەك كۆپ ئىشلىتىلمىدى. «پاشا جەڭچىلەر» يېڭى تىپتىكى بىئولوگىيەلىك دېھقانچلىق دورىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېسەللىك يۇقتۇرىدىغان پاشىلارنىڭ سانىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە مۇھىتقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەچكە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلانتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
    جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى- مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسسىق بەلباغ كېسەللىكلىرى ۋە ھاشارەت تىزگىنلەش بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى جىيۇڭ مۇنداق دېدى: كېسەللىك يۇقتۇرىدىغان پاشىلارنىڭ سانىنى ئازايتىش زىكا ۋىرۇسى ۋە دېنگې قىزىتمىسىنىڭ يۇقۇشىنى تىزگىنلەيدىغان بىۋاسىتە، ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىر پىروفېسسور شى جىيۇڭ باشچىلىقىدىكى پەن- تېخنىكا قوشۇنى ئامېرىكا خەلقئارالىق ئېچىش مەھكىمىسى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مېكسىكىدا گۇاڭجۇدىكىگە ئوخشاش «پاشا زاۋۇتى»نى قۇرۇپلا قالماي، يەنە پاشىنى پاشا ئارقىلىق تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تېخنىكىنى بىرازىلىيە، پېرۇ، تايلاند، سىرىلانكا، يامايكا، كايمان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ.


    « تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى