• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    زۇلپىقار ھىندىستاننىڭ «دۆلەت گۆھىرى» بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:16 29-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: ئىلگىرى گېزىتىمىزدە «زۇلپىقار ئالتۇن كەمىرىنى دوغا تىكىدىغان بولدى» دېگەن سەرلەۋھىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، زۇلپىقارنىڭ ھىندىستاننىڭ بوكس چولپىنى ۋىجىندېر سوڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنىدۇق. بىراق ھىندىستان تەرەپ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇسابىقىدىن ۋاز كەچكەچكە، مۇسابىقە ئەمەلدىن قالغانىدى، لېكىن 27- ئىيۇن ئىككى تەرەپ يەنە بىر پىكىرگە كېلىپ، مۇسابىقىنى 5- ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى.
    ھىندىستاننىڭ «دۆلەت گۆھىرى» دەپ تەرىپلىنىدىغان 31 ياشلىق ۋىجىندېر سوڭ 2004- يىلىدىن بۇيان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان، 2008- يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدال ئالغان؛ 2015- يىلىدىن باشلاپ كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، 2016- يىلى ئاۋسترالىيەلىك بوكس چولپىنى كېيىل خوپنى يېڭىپ، دۇنيا بوكس تەشكىلاتى WBO نىڭ «تىنچ ئوكيان ئالتۇن كەمىرى» گە ئېرىشكەن ھەم شۇ يىلى تانزانىيەلىك ماھىر فىرانشېس جېكنى يېڭىپ ئالتۇن كەمىرىنى ساقلاپ قالغان داڭلىق ماھىر. ئۇ سەككىز مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، يەتتە مەيداندا رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ غەلىبە قىلغان. ئۇ ھازىر خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىپىدە 47- ئورۇندا تۇرىدۇ.
    زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى بۇ يىل 23 ياشقا كىردى، ئىلگىرى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تەربىيەلىنىپ ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. 2015- يىلى كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان، سەككىز مەيدان غەلىبە (ئالتە قېتىمدا رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتقان) قىلىپ، بىر قېتىم تەڭلىشىپ «يېڭىلمەس» دېگەن شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان، ئۇمۇ 2016- يىلى تانزانىيەلىك ماھىر توماس ماشالنى يېڭىپ، «شەرق ئالتۇن كەمىرى» نى بېلىگە باغلىغان.
    بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇسابىقىسى يەنىلا دۇنيا بوكس تەشكىلاتى WBO نىڭ 168 قاداق ئېغىرلىق ئۆلچىمىدىكىلەرنىڭ مۇسابىقىسى، بۇ مۇسابىقىدە ئۇتقان ئادەم «شەرق ئالتۇن كەمىرى» بىلەن «تىنچ ئوكيان ئالتۇن كەمىرى» نى بىراقلا بېلىگە تاقايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ مۇسابىقىدە كىم غەلىبە قىلسا، شۇ ئاسىيا رايونىدا 168 قاداق ئېغىرلىق ئايرىمىسىدا ئەڭ نوچى بوكسچىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسى 5- سېنتەبىر ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىگە تەشنا بولۇپ يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولدى. گەرچە غەلىبە قىلىش بوكس مۇسابىقىسىنىڭ بارلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت غەلىبە قىلىشنىلا ئويلايمەن. مەن ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى ئەستايىدىل ئوينايمەن، بۇ جەرياندا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزۈمدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاش ھەم تولۇقلاش ئارقىلىق، تېخىمۇ ياخشى نەتىجە يارىتىش مەقسىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئەمما بۇ قېتىم ھەقىقەتەن كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلدىم، ئۇ مەيلى رەت تەرتىپتىكى ئورۇن جەھەتتە بولسۇن، مەيلى مۇسابىقە تەجرىبىسى جەھەتتە بولسۇن، مەندىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىراق بۇلار مېنى ھەرگىزمۇ قورقۇتالمايدۇ، چۈنكى مەن يۇقىرى پەللىگە چىقىمەن دەيدىكەنمەن، مۇشۇنداق قىيىن ئۆتكەللەردىن چوقۇم ئۆتمىسەم بولمايدۇ».

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى