• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسئۇل ئورگىنىنىڭ چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى ‹‹تەڭرىتاغ 3-نومۇر(2017)›› ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلە

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:53 28-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسئۇل ئورگىنى جۇڭگو– قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ 3 – نومۇر (2017)›› ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى 6– ئاينىڭ 27– كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جۇڭگو– قىرغىزىستان چېگراسىدا باشلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى ‹‹نەق مەيداندا مانېۋىر قىلىش، ئەمەلىي مانېۋىر قىلىش، ئەمەلىي قورال مانېۋىرى قىلىش، راست ئوق ئىشلىتىپ مانېۋىر قىلىش، راست پارتلىتىپ مانېۋىر قىلىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مانېۋىر مەزمۇنىدىن تەقلىدىي توسۇق قۇرۇشقىچە ‹‹ئەمەلىي جەڭ›› بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش، ھەرىكەتچان جەڭ قىلىش، بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى سىنىدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇر (2006)›› ناملىق ۋە ‹‹تەڭرىتاغ 2 – نومۇر(2011)›› ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىدىن كېيىن، ئېلىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا ئۆتكۈزگەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ.
    مانېۋىردا بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ جۇڭگو– قىرغىزىستان چېگراسىدىكى قىرغىزىستان تەرەپنىڭ مەلۇم جايىغا سۇقۇنۇۋېلىپ، جۇڭگوغا قورال يۆتكەپ كىرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇشى قىياس قىلىنىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا قارشى ھەرىكەت، بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەرىكىتى، تېررورچىلار لاگېرىنى تازىلاش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تېما تەسىس قىلىنغان، پورت ۋە تاغ ئېغىزى يوللىرىنى تەكشۈرۈش، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇشى، تاغلىق جايدا تۇتۇپ تارمار قىلىش جېڭى قاتارلىق 15 ئەمەلىي مانېۋىر تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
    ئىگىلىنىشىچە، مانېۋىرغا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 700 ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو– قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئەسى 3– دەرىجىلىك ۋەكىل ئالاقىلىشىش تۈزۈمىگە ئاساسەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە قوماندانلىق مېخانىزمى قوزغىتىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىنىپ، بارلىق تېررورلۇق جىنايەت گۇماندارلىرى بىرلىكتە تازىلىنىپ، بىرقانچە تال قورال– ياراغ، ئوق ئولجا ئېلىنىپ، جۇڭگو– قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ چېگرا، پورتنى باشقۇرۇش– تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ۋاسىتىسى نامايان قىلىنىپ، تېررورچىلار قاتتىق چۆچۈتۈلگەن.
    مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: مانېۋىر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مانېۋىرغا كۈچلۈك قوماندانلىق قىلىندى، مانېۋىردا توغرا تاكتىكا قوللىنىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق سەۋىيە نامايان قىلىندى، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، ماسلىشىپ جەڭ قىلىشتىكى ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى ۋە ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىدىكى يۇقىرى سەۋىيە نامايان قىلىندى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشتىكى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن مەيدانى ۋە ئىرادىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشتە، خەلقئارا قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، رايونلار ئارا بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداشتا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
    مانېۋىر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قىرغىزىستان تەرەپ قوماندانى، قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە باش ئىدارىسى چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پولكوۋنىك تۇرغانبايېۋ نۇربېك مۇنداق دېدى: مانېۋىر ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو – قىرغىزىستان 2014 – يىلى دوستلۇق قىسىمىنى بىرلىكتە قۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىمۇ نورمال قانات يايدۇرغانىدى، بۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا پايدىلىق.
    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا ئاساسەن، قازاقىستان، جۇڭگو، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى ۋەكىللىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو ج خ مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە ئاپپاراتلاردا تۇرۇشلۇق ساقچى ئىشلىرى ئالاقىچى ئەمەلدارلىرى، دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى نەق مەيداندا مانېۋىرنى كۆردى.


    « تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى