• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مېڭىش قىياپىتى بەدەننىڭ ساپاسىغا باغلىق

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:07 23-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، مېڭىش قىياپىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ
    قولنى ئارقىغا قىلىپ مېڭىش: بوغۇملىرى ئاغرىيدىغانلار داۋان يولدا ئاز مېڭىشى، چەمى يۇمشاق ئاياغ كىيىپ، تەۋرىنىش سېزىمىنى يەڭگىللىتىشى؛ يىقىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قولىنى ئارقىغا قىلىپ ماڭماسلىقى كېرەك.
    چوڭ قەدەمدە مېڭىش: تېنى ئاجىزلارنىڭ پۇتىمۇ ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار پىيادە ماڭغاندا ئىككى قولىنى تاشلاپ چوڭ قەدەمدە مېڭىشى لازىم. سۈرەتنى بارا- بارا تېزلەتسە پۈتۈن بەدەن ھەرىكەتكە كېلىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
    كۆكرەكنى كېرىپ مېڭىش: قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر پۇت ئالقىنىنى يەرگە تېگىشتۈرۈپ، كۆكرىكىنى كېرىپ ماڭسا كۆكرىكىنىڭ بېسىلىشىدىن ساقلىنالايدۇ، ئوتتۇراھال سۈرئەت مۇۋاپىق، بولمىسا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
    ئاستا مېڭىش: تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى ئاستا مېڭىشى، يۈرەك رىتىمىغا دىققەت قىلىشى، پىيادە ماڭغاندا يۈرەك رىتىمىنى مىنۇتىغا 170 قېتىمدىن ئاشۇرماسلىقى كېرەك.
    ئاياغ تاللاش: پۇتنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قان قەنتى يۇقىرى كىشىلەر تۇمشۇقى ئوچۇق ئاياغ كىيمەسلىكى، يالاڭ ئاياغ پىيادە ماڭماسلىقى؛ ئەڭ ياخشىسى بېشى يۇمىلاق، چەمى قېلىن، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان، يۇمشاق لاتا ئاياغ ياكى راھەت ئاياغلارنى كىيىشى كېرەك.
    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى