• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جۇڭگو بىلەن كامبودژا بىرلىشىپ 1.1 توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈردى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:49 23-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شاڭخەي تاموژنا خادىملىرى كوكائىنلارنى قېپىدىن چىقارماقتا.
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: شاڭخەي تاموژنىسى 22- ئىيۇن ئېلىمىز ۋە كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، توڭلىتىش ساندۇقىدىكى بېلىق ئارىسىغا يوشۇرۇلغان 1.1 توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
    ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىل 11- نويابىر، شاڭخەي ياڭشەن تاموژنىسى بىر گۇمانلىق تالوننىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، بىر تۈركۈم «تىنچ ئوكيان ماكرىل توڭلىتىلغان بۇيۇملىرى» نامىدا مەلۇم قىلىنىپ كونتېينېرغا قاچىلانغان ماللارنى تەكشۈرگەن. بۇ بىر تۈركۈم توڭلىتىغان بېلىقنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 20 توننا بولۇپ، بۇ ماللار جەنۇبىي ئامېرىكا ئېكۋاتوردا پاراخوتقا قاچىلىنىپ يولغا چىقىپ، شاڭخەي ياڭشەن پورتىدا پاراخوت ئالمىشىپ، ئاخىرىدا كامبودژادىكى پورتقا يەتكۈزۈلىدىغان ئىكەن.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ماكرىل بېلىقىنى نىقاب قىلغان 1102 گۇمانلىق بۇيۇم بايقالغان. بۇ بۇيۇملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر كىلوگىرام بولۇپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ جىسىملاردىن كوكائىن مۇسبەت رېئاكسىيەسى ئېنىقلانغان. شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1.1 توننا كېلىدىغان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ھەممىسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى كوكائىن ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈلگەن.


    « تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى