• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ تۇرپان يۇقىرى تېمپېراتۇرا لىق مەزگىلگە كىردى، قۇم بىلەن داۋالاش ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:58 22-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئىيۇن ئېيى كىرىشى بىلەن، ئاتەش ماكان، دەپ نامى بار تۇرپان ئەڭ ئىسسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ دەل قۇمغا كۆمۈلۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. 20- ئىيۇن، تۇرپاندىكى بىر قۇم بىلەن داۋالاش ئورنىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز ساياھەتچى قۇمغا كۆمۈلۈشتىن «ھۇزۇرلىنىپ»، كېسەللىرىنى داۋالىدى. قۇم بىلەن كېسەل داۋالاش دېگىنىمىز، ئۆزىگە خاس تەبىئىي شارائىت بىلەن كېسەل داۋالاش بولۇپ، قۇمنىڭ ماگنىت ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، بەدەننىڭ تەبىئىي ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرۇش، بەدەندىكى بارلىق قىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەن ئىچىدىكى ئارتۇقچە سوغۇق ھۆل خاراكتېرلىك زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ دىنامىكىلىق تەمپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. قۇمغا كۆمۈلۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىيۇندىن ئاۋغۇستقىچە بولۇپ، بۇ چاغدا تۇرپاننىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى 30~40 سېلىتسىيە گىرادۇسقا، قۇم يۈزى تېمپېراتۇرىسى 70~80 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ. ھەر يىلى ئىيۇندىن ئاۋغۇستقىچە، تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ قۇم بىلەن داۋالاش بازىسىدا ھەر كۈنى تەخمىنەن 500 دىن 1500 غىچە ئادەم قۇمغا كۆمۈلىدۇ.


    « تەڭرىتاغ تورى» دىن ئېلىندى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى