• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا...

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:42 21-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىنقى بىر قانچە كۈندە ھاۋا ئۈزلۈكسىز ئىسسىدى، شۇڭا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ئاغرىقلارمۇ كۆپەيدى. مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرگە تومۇز كۈنلىرى ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى كادىرلارنى داۋالاش بۆلۈمىدىكى مۇدىر ۋىراچ دىلشاد سېيىت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يازدا، بولۇپمۇ 15- ئىيۇلدىن ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۈچلۈك كۈن نۇرى ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا ئۇزاق مەشغۇلات قىلىدىغان، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايدا ئۇزاق تۇرغان، سۇنى ئاز ئىچىدىغان، ئىچى سۈرۈپ ياكى قاتتىق تەرلەپ بەدىنى سۇسىزلانغان ئادەملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان ئاغرىقلاردا تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى تىتىلداش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، باش ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش، ئۇسساش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، يۈزى قارىداش، قىزىش، بىئارام بولۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ھەتتا ھوشسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؛ ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار، ئاغرىقچان كىشىلەر، بالىلار، قان ئازلىق كېسىلى بارلار، دىيابېت، 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى، يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەر ۋە ھامىلىدارلارغا ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.
    ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، سۇنى كۆپرەك ئېچىش، كۈن نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك؛ ئادەم ئەگەر ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش سەۋەبىدىن ھوشسىزلانسا، ئاغرىقنى دەرھال سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا يۆتكەش؛ ئۇسسۇلۇق بېرىش، مۇزدەك سۇدا چايقالغان لۆڭگىدە پېشانە ۋە بەدىنىنى سۈرتۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدە مۇنداق رېتسېپ بويىچە دورا تەييارلاپ ئىچسىمۇ شىپا قىلىدۇ.
    1- رېتسېپ
    تەركىبى: قىزىل لەيلىگۈل 30 گىرام، گۈلى بىنەپشە 50 گىرام، نېلۇپەر 20 گىرام، لىمون ئۈچ گىرام، سۇ بىر لىتىر.
    تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە لىمون سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
    ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئۈچ قېتىم بەش گىرامدىن ئىچىلىدۇ.
    2- رېتسېپ
    تەركىبى: قىزىلگۈل، ھەمىشىباھار، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، ئەنجۈر شىپا تېنى، ئاق لەيلى، ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقى ۋە تەرەنجىبىندىن 20 گىرامدىن، سېرىق ھېلىلە بىلەن قارىئۆرۈك 21 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
    تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا قاينىتىلىدۇ.
    ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندەئىككى، ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىچسە بولىدۇ.
    3-رېتسېپ
    تەركىبى: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 50 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 30 گىرام، سىركە بەش لىتىر، ئاق شېكەر بىر كىلوگىرام، سۇ تۆت كىلوگىرام.
    تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
    ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 - 5 گىرامدىن ئىچسە بولىدۇ.
    تومۇز كۈنلىرى تاۋۇز، قوغۇن قاتارلىق مېۋە- چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، شاپتۇل قېقى، ئۆرۈك قېقى ۋە يېمىش (قۇرۇق ئۇزۇم) لەرنى قاينىتىپ ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئېچسە؛ كۆك پۇرچاقنى قاينىتىپ سۈيىنى ئېچىپ، بەك كۈچلۈك ۋە ياغلىق تائاملاردىن ئېھتىيات قىلسا، بولسا كۆك پۇرچاق سېلىنغان شوۋىگۈرۈچكە ئوخشاش ئاسان ھەزىم بولىدىغان تائاملارنى يېسە، ئادەم ئىسسق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.  

    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» دىن ئېلىندى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى