• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «قاتار كىرىزىسى» تەبىئىي گاز ۋە قورال-ياراغ سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:52 19-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىسپانىيەدىكى «ئاۋانگارتلار گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىك كىرىزىس ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇنىڭدىكى سەۋەب دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمنى قوللىغانلىقى ھەمدە ئىران بىلەن يېقىنلىشىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ يېقىندىن بۇيانقى يوشۇرۇن ۋە مەخپىي كۈرەشلىرى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى پارس قولتۇقى رايونىدا قاتارنى خۇددى چاچما شېئىردەك ئەركىن دېيىشكە بولىدۇ.

    مول تەبىئىي گاز زاپىسى قاتارنى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ دۆلەتنى دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق سۇيۇق تەبىئي گاز ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان. تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇشتەك سالاھىيەت قاتارنى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا بولغان، نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەردىن پەرقلەندۈرگەن ھەمدە ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كونتروللۇقىدىن مۇستەسنا قىلغان.

    قاتار ئۆز ئالدىغا ئىران ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى قاتارغا ئورۇنلاشقان؛ يېقىندىن بۇيان قاتار يەنە رۇسىيە بىلەن يېقىنلاشقان ھەمدە ئىگىلىك ھوقۇقى فوندى بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىسى - رۇسىيە نېفىت شىركىتىگە پاي قوشقان.

    ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، قاتار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئالدىدا ئىزچىل بېقىندا ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مول تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن مۇستەقىللىقىنى داۋاملىق كۈچەيتكەن. ھالبۇكى، پارس قولتۇقى رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ئىزچىل تۈردە قاتارنىڭ قانىتىنى كېسىپ تاشلاشنىڭ كويىدا يۈرگەن.

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇلارغا پۇرسەت ئاتا قىلغان. ترامپ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىراننى يېتىم قالدۇرۇشى، رادىكال ئىدېئولوگىيەدىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە ترامپ 6- ئىيۇن ئەتىگەندىلا «تىۋىتتېر»ىغا يازما ئېلان قىلىپ، پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئىلگىرى رادىكالىزمنى قوللاش قىلمىشىغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، بارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ قاتارغا قارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ قاتار ھۆكۈمىتى ئېيتقانغا ئوخشاش قەستكارلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىق بىلەن ئالاقىسى بولسۇن - بولمىسۇن، دوھا دائىرىلىرى ئوخشاش بولمىغان ئىپادە بىلدۈرگەندىلا رىياد دائىرىلىرى پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن.

    «قاتار كىرىزىسى» ئامېرىكىنىڭ قورال - ياراغ سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

    رۇسىيەدىكى «نۇقتئىنەزەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارغا ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، قاتارنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئون تۈرلۈك شەرتنى ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلغان. دوھا دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ قەستكارلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىرەيلەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق خەۋەر بەرگەن: بۇ ئىشتىكى باش جىنايەتچى رۇسىيەلىك قەستكارلاردۇر. ھالبۇكى، پارس قولتۇقى رايونىدىكى دىپلوماتىك توقۇنۇشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبكارى ئامېرىكا بولۇشى مۇمكىن.

    ترامپ يېقىندا «تىۋىتتېر» ىغا ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى نۇتقىنىڭ ئەرەب ئەللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغانلىقىنى، قاتارنىڭ ئىسلام رادىكالىزمچىلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى يازغان.

    بىراق ئامېرىكىدىكى «مۇداپىئە ئىشلىرى خەۋىرى» ژۇرنىلى تور بېكىتى مۇنداق بىر ئىشقا دىققىتىنى ئاغدۇرغان: ترامپنىڭ قاتارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋاقتى «نازۇك پەيت» كە توغرا كەلگەن، يەنى ۋاشىنگتون دوھاغا« «F-15QA بەلگىلىك «يۇقىرى دەرىجىلىك بۈركۈت» ناملىق جەڭ ئايروپىلانىدىن 72 نى سېتىپ بېرىشتەك سودا كۆپۈككە ئايلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان پەيتكە توغرا كەلگەن. بۇنىڭغا ئالاقىدار سۆھبەتلەر 2016- يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالغانىدى. مانا ھازىرغا قەدەر بۇ سودا توختامى ئىمزالانمىغان.

    ترامپ تېخى يېقىندىلا قاتارنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى، قاتاردىكى دىپلوماتىك كىرىزىسنى پەيدا قىلغۇچى - سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن زور سوممىلىق ھەربىي قورال - ياراغ سودىسى قىلىش سۆھبىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. ترامپنىڭ كۈيۈئوغلى، قوشۇمچە مەسلىھەتچىسى كۇشنېر رىياد بىلەن دەسلەپكى سۆھبەتنى ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئىككى كېلىشىمنى ئىمزالىغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سەلمان بۇنى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىغان.

    رۇسىيەدىكى ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، «مۇداپىئە ئىشلىرى خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكا ۋە قاتاردىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى 21 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى جەڭ ئايروپىلانى سودىسىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنىڭ ئاساسى يوق، دېگىلى بولمايدىكەن. «مال بىلەن تەمىنلەش ۋە پۇل تاپشۇرۇش باشلانغاندا ئاندىن سودىنى كۈچكە ئىگە بولدى، دەپ قارايمىز، ئەمما ھازىر ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى».

    ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن قاتار ئارىسىدىكى ھەربىي قورال- ياراغ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىسىدىكى ھەربىي ئىشلار سودىسىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ قورال- ياراغ ساھەسىدىكى ماگىناتلاردۇر. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى كۇشنېردۇر. ئۇ «ترامپنىڭ ئاقسارايدىن ئورۇن ئېلىشىغا ياردەم قىلغان» دەپ قارالغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سۆھبەتكە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ يەنە ئاپرېلدا ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى دانفورد بىلەن بىرلىكتە ئىراققا بارغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى ئەللەر سىياسىيونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئاشكارىلانغان. ترامپ ئۆزىمۇ سايلامدىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى قورال- ياراغ سودىگەرلىرىنىڭ سودىسىنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

    شۇڭا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىككى ھەمراھى قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا رېئال كىرىزىس كۆرۈلۈشىنى خالىمايدىكەن، ئەمما «دىپلوماتىك كىرىزىس» ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، خېرىدار تاپقاندىلا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى بۇنىڭدىن خۇش بولىدىكەن. قورال - ياراغنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ياكى قاتارغا سېتىلىشى ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئىكەن. شۇڭا ترامپ ھۆكۈمىتى قاتارنىڭ «خاتالىقىنى تونۇپ ئويغانغانلىقى» دىن خۇش بولغان. چۈنكى «ئەرەب ئەللىرى 180 گىرادۇس ئۆزگىرىشنى ياقتۇرىدىكەن».

    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» دىن ئېلىندى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى