• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ۋاز كېچىلگەن غايە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:11 13-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    فىرانسىيەلىك پىئېر كىچىكىدىن ئۇسسۇلغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ غايىسى داڭلىق ئۇسسۇلچى بولۇش ئىدى، ئەمما ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئاتا- ئانىسىنىڭ پۇل چىقىرىپ ئۇنى ئۇسسۇل مەكتىپىگە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پىئېرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىلاجسىزلىقتىن ئۇنى تىككۈچىلىك دۇكىنىغا شاگىرتلىققا بېرىپ، ئۇنىڭ بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    تىككۈچىلىك دۇكىنىدا بىر كۈندە ئون نەچچە سائەت ئىشلەيدىغان بۇ خىزمەتتىن ئۇ ئىنتايىن بىزار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاپالىق خىزمەتتىن ئېرىشكەن ئازغىنە پۇل ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە شاگىرتلىق ھەققىگە چىقىش قىلمايلا قالماستىن، ئۇنىڭ گۈزەل غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، پىئېر كىچىكىدىن چوقۇنىدىغان «بالېت ئاتىسى» دەپ نام ئالغان داڭلىق سەنئەتكار بۇدرىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۆزىنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ ھەم خەتنىڭ ئاخىرىغا : ئەگەر بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋاب قايتۇرمىسىڭىز، شۇنداقلا مەندەك ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلـمىسىڭىز، سەنئەت ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، دەرياغا سەكرەپ ئۆلىۋالىمەن، دەپ قوشۇپ قويىدۇ.
    پىئېر تىزلا بۇدرىنىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋالدى. پىئېر كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ جاھىللىقى بۇدرىنى تەسىرلەندۈرۈپ ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. كىم بىلسۇن، بۇدرى خېتىدە ئۇنى ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ «سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش» روھىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالمايلا قالماي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى سۆزلىگەن ئىدى.
    بۇدرى كىچىك ۋاقتىدا ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما ئائىلىسى بەك نامرات بولغاچقا ئۇنى ئوقۇتالمىغان. ئۇ پەقەت كوچا سەنئەتكارى بىلەن ئويۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: كىشىلىك تۇرمۇشتا رېئاللىق بىلەن غايە ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئارىلىق بولىدۇ. غايە بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا ئادەم ئاۋۋال ياشاشنى تاللىشى زۆرۈر، پەقەت ياخشى ياشىغاندىلا ئاندىن غايە يۇلتۇزلىرى چاقنايدۇ. ئۆزىنىڭ ھاياتىنىمۇ قەدىرلىيەلمىگەن ئادەمنىڭ سەنئەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشىغا سالاھىيىتى توشمايدۇ!
    بۇدرىنىڭ خېتى پىئېرنى ئويغاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. 23 يېشىدا پارىژدا مودا كىيىم خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېزلا ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە كىيىم ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئۇ دەل داڭلىق مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىسى پىئېر كاردېن.
    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پىئېر كاردېن كۆزگە كۆرۈنگەن مىلياردېرغا ئايلىنىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئىسمى بېسىلغان مەھسۇلاتلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.
    شۇنداق، ھەر بىر ياشنىڭ ئۆزىگە خاس غايىسى بولىدۇ ئەلۋەتتە، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن ھاياجانلانغان، بۇرۇقتۇرما بولغان چاغلىرى بولىدۇ. ئەمما، غايە بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا توقۇنۇش بولغاندا، ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىشىنى تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، ھاياتىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى پۇختا باسقاندىلا، غايىگە يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. بەلكىم بىر كۈنلەردە سىزمۇ پىئېر كاردېنغا ئوخشاش تۇيۇقسىز يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، غايە سىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ، سىز پەقەت بايقىيالمىغان خالاس.

    «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» دىن ئىلىندى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى