• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ياش زۇڭتۇڭى ماكروننى تونۇمسىز؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:23 09-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ،- 8 ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ -8 ماي فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى قېتىم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلىتى. جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە خەلقئارالىق تەسىر كۈچكە ئىگە، يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتى ۋە مۇھىم خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە بولغان چوڭ دۆلەتلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو- فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ قېلىش، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق ۋە سىجىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ.
    ماكروننىڭ غەلىبە قىلىشىدا ھېچقانداق تەشۋىش قالمىغان
    فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 39 ياشقا كىرگەن، بىتەرەپ نامزات ئېممانۇئېل ماكرون ئوڭچىل سىياسىي پارتىيەدىن چىققان نامزات لېپېننى يېڭىپ، 2017- يىللىق فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى ھەمدە فىرانسىيەنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى، ئۇ تارىختىكى ئەڭ ياش فىرانسىيە زۇڭتۇڭى بولۇپ قالغۇسى.
    بۇ ياش سىياسىيون ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە تايىنىپ فىرانسىيەنىڭ سىياسىي ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، شەرەپلىك ھالدا تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
    بېلگىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماكرون ئېرىشىدىغان بېلەت نىسبىتى %64 بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى توغرىسىدىكى قىياسلار ئەۋج ئالغان. فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7- ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە بېلەت تاشلاش نىسبىتى %63.5 كە يېتىپ، 2012- يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 71.9% تىن تۆۋەن بولغان.
    ماكرون شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:00 دە رەپىقىسى تروگنې بىلەن تەڭ لېتۇكۇئېت- پارسپۇلادىكى بېلەت تاشلاش پونكىتىغا بېرىپ، بېلەت تاشلىغاندىن كېيىنكى زىيارەتتە سايلىغۇچىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن بېلەت تاشلاشنى مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە ھازىر پەقەت «تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش» تىن باشقا ئامال يوقلۇقىنى ئېيتقان. مارىن لېپېن بولسا ئېنان بومېڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىغا بېرىپ بېلەت تاشلىغان، لىكىن ئۇ تېخى پونكىتقا كېلىشتىن بۇرۇن ئاياللار ھوقۇقى تەرەپدارلىرى بۇ پونكىتتا لوزۇنكا كۆتۈرۈپ، مارىن لېپېنغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
    ھازىرقى زۇڭتۇڭ خوللاند شۇ كۈنى سەھەردە فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى تۇللې شەھىرىگە بېرىپ، بېلەت تاشلىغان. خوللاند فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن زۇڭتۇڭ، دەپ قارالغان 2016- يىلى 1- دېكابىر خەلقنىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولۇش نىسبىتى %4كە چۈشۈپ قالغان. شۇڭا ئۇ يەنە ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن سايلامغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە سايلىغۇچىلارنىڭ ماكرونغا بېلەت تاشلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.
    مۇستەقىل نامزات سۈپىتىدە سايلامغا قاتناشقان «ئالاھىدە» شەخس
    ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى ئامېنس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئانىسى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تېببىي مەسلىھەتچىسى. ماكرون فىرانسىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پارىژ ھېنرى IV ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن فىرانسىيە دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتى ۋە پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ ئالاقىدار ئۇنۋانلارنى ئالغان. ماكرون 27 يېشىدا فىرانسىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىقىغا خىزمەتكە چۈشكەن، 30 يېشىدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ھەمدە بانكىدا مەبلەغ سالغۇچى بانكىر بولۇپ ئىشلەپ، نۇرغۇن مۇھىم سودىلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. ماكرون 24 يېشىدا فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىگە كىرگەن. 2014- يىلى زۇڭلى مانۇئېل ۋاللېس ئۇنى ئىقتىساد مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەن.
    ماكروننىڭ ئائىلىسى
    39 ياشقا كىرگەن ماكروننىڭ ئۈچ ئۆگەي بالىسى، يەتتە ئۆگەي نەۋرىسى بار. ماكروننىڭ نىكاھ ۋە كەسپىي جەھەتتىكى تاللاشلىرى فىرانسىيەلىكلەر مۇھاكىمە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئۇ 16 يېشىدا ئامېنس شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىدىن 24 ياش چوڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى برىگىت تروگنېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، شۇڭا ئاتا- ئانىسى ئۇنى پارىژغا ئاپىرىپ ئوقۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى بۇ ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان. ماكرون مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىرىگىتقا: مەن قايتىپ كېلىپ سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن، دېگەن ھەمدە 14 يىلدىن كېيىن، يەنى 2007- يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان.
    جۇڭگو- فىرانسىيە مۇناسىۋىتى
    ماكرون مارتتا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا بولغان كۆز قارىشىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان تارىخىي مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئىكەن. فىرانسىيە- جۇڭگو ئارىسىدىكى كۈچ- قۇۋۋەت فىرانسىيەنىڭ تۇنجى بولۇپ جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن كەلگەنىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو ھازىر ئىقتسىادىي سودا، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە قۇدرەتلىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ خىل خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە نورمال مۇناسىۋېتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا مەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانسام، فىرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى داۋاملىق قوغدايمەن ھەمدە بۇنىڭغا ئىزچىل ئېتىبار بېرىمەن. مەن يەنە جۇڭگو بىلەن بولغان سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە جۇڭگو فىرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدۇ.

    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»دىن ئىلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى