• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گېنېرال گىراندنىڭ كەڭ قورساقلىقى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:45 02-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىگە قاتنايدىغان پويىزغا ئوتتۇرىلىقتا بىر ئايال چىقىپ، ئۇدۇللا بىر ۋاگونغا كىرىپ بىر بوش ئورۇندا ئولتۇرىدۇ، بۇ ئايالنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئەر تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق شوراشقا باشلايدۇ. بۇ ئايال تاماكا ئىسىدىن بەك بىئارام بولىدۇ ھەمدە بىر - ئىككىنى يۆتىلىش ئارقىلىق بۇ كىشىگە تاماكا چەكمەسلىكنى ئىما قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئەر ئايالنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى سەزمەي ھېچ ئىش بولمىغاندەك تاماكىسىنى چېكىۋېرىدۇ. ئايال ئاخىرى چىدىيالماي خاپا بولغان ھالدا ئەرگە:
    ــ ئەپەندىم، سىز بۇ يەرلىك ئەمەس ئوخشايسىز، بۇ پويىزدا مەخسۇس تاماكا چېكىدىغان ئايرىمخانا بار، بۇ يەردە تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان، ــ دەيدۇ. بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەر ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولىدۇ - دە، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا دەرھال قولىدىكى تاماكىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، ئېشىپ قالغان تاماكىنى قېپىغا سېلىپ قويىدۇ.
    بىرئازدىن كېيىن، ھەربىي فورما كىيگەن بىرنەچچەيلەن كىرىپ ئايالغا:
    ــ خانىم، كەچۈرۈڭ! سەت بولدى، سىز دەرھال بۇ ۋاگوندىن چىقىپ كېتىشىڭىز كېرەك، سىز خاتا كىرىپ قاپسىز، بۇ گېنېرال گىراندنىڭ خۇسۇسىي ۋاگونى، ــ دەيدۇ. ھاڭ - تاڭ قالغان ئايال ئالدىدا ئولتۇرغان ئەرنىڭ داڭلىق گېنېرال گىراند ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ گېنېرال گىراندتىن ئەپۇ سورايدۇ. گېنېرال كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
    ــ ھېچقىسى يوق، بۇ خانىم مۇشۇ يەردە ئولتۇرىۋەرسۇن، ــ دەيدۇ.
    بۇ ئايال گېنېرال گىراندنىڭ كەڭ قورساقلىقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. گېنېرال گىراند ئۆزىنىڭ ئەپۇچان، كەڭ قورساقلىقى بىلەن بۇ ئايالنىڭلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كىشى ئىدى.
    كەڭ قورساقلىق ــ بىر خىل قەلب گۈزەللىكىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بىر خىل ئالىيجاناب روھ. فېڭ مېڭلۇڭنىڭ «ئاقىللار خاتىرىسى» دە: «ئەقىللىق كىشى كەڭ قورساق كېلۇر»، دېيىلگەن. گېنېرال گىراند كەڭ قورساقلىقى ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنى قايىل قىلىپ، ھەر جەڭدە غەلىبە قىلىپ كەلگەن.
    تۇرمۇشتا، باشقىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، بىزمۇ گىراند گېنېرالدەك كەڭ قورساق بولۇشىمىز لازىم. ھەمىشە باشقىلارنى ئەيىبلەۋەرسەك، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە پۇرسەت بەرمىسەك، نەتىجىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى خاتالىقىنى ياخشى تونۇمايلا قالماي، ئەكسىچە كۆڭلىدە غۇم ساقلايدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزۈش ھـەقـىـقـەتەن توغرا ئەمەس، ئەمما شۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىگە بىر پۇرسەت بېرىلسە، ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە چوقۇم مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى بىخ ئۇرىدۇ ھەمدە بۇ خىل كەڭ قورساقلىق، مېھىر ـ مۇھەببەت ئەپۇ قىلىنغۇچى ئارقىلىق ئەتراپقا تارايدۇ.
    كەڭ قورساقلىق ــ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق، بىر خىل ياخشى پوزىتسىيە. باشقىلارنى ئەپۇ قىلسىڭىز، يېنىكلەپ قالىسىز، كۆڭلىڭىز ئارام تاپىدۇ، ئەتراپىڭىزدا مېھىر - مۇھەببەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ كۆپ مەنەلەرگە ۋە ئىللىقلىققا تولىدۇ.

    «شىنجاڭ پەن تېخنىكا گىزىتى»دىن ئىلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • گېنېرال گىراندنىڭ كەڭ قورساقلىقى
    • گېنېرال گىراندنىڭ كەڭ قورساقلىقى
    • ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىگە قاتنايدىغان پويىزغا ئوتتۇرىلىقتا بىر ئايال چىقىپ، ئۇدۇللا بىر ۋاگونغا كىرىپ بىر بوش ئورۇندا ئو ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى