• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوباما چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:19 25-04-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا تىنىچ ياشاپ كەلگەنىدى،24- ئاپىرېل تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئاشكارا كۆرۈندى. ئۇ شۇ كۈنى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنبىرىدە، ياشلارغا يۈزلىنىپ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىدى.
    ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوگېن سەنئەت مەركىزىدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇ باشقا ئالتە ياش رەھبەر بىلەن بىللە ياشلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە نىكاھ قاتارلىق مەسلىلەرگە ئالاقىدار تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلغان.
    ئوباما مۇنداق دېگەن: بۇ يەرنىڭ (چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەنۇبىي مەكتەپ رايونى) ماڭا بەرگەنلىرىنى مەن تېخى قايتۇرۇپ بۇلالمىدىم، چۇنكى بۇ يەر ماڭا ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن بىللە خىزمەت قىلغاندا نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. ئوباما يەنە 500 ئوقۇغۇچىغا نۆۋەتتىكى دۇنيا مەسىلىسى تۇغرىسىدا سۆزلەپ، ياشلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىقا قانداق قاتنىشىشى تۇغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
    ئوباما مۇنداق دېگەن: ياشلار دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. مەن ھازىر قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش دەل ياشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، قارشى پىكىرلىك ئادەم بىلەن چۇقۇم پىكىر ئالماشتۇرۇڭلار دېگەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى