• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەيلى

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:45 20-04-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ياشايمەن، بۇ جاي ئەزەلدىن ھەر مىللەت ئىناق ئۆتىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. كۆپ مىللەت ئورتاق ياشايدىغان بۇ چوڭ ئائىلىدە، بىز ھەر مىللەت ئىناق ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرىمىز.

      شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنىڭ نىشانى دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش. شىنجاڭ ھازىر «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننىڭ كويىدا بولۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز دىنىي زاتلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار.

      بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى مەزگىلىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىسلام دىنىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش، ئىناق ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز - تەبلىغقە سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىناقلىقنى قەدىرلەش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز كېرەك.

      بىز قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش قارىشى تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك. پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

      بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان تەشۋىقاتچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىغا پائال ھەمكارلىشىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» تارقاتقان ئەكسىيەتچىل سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى تەشۋىق قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «بەشنى تونۇش»نى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك.

      بىز پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ تىرىشىپ بېيىش باشلامچىسى بولۇشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تەرەققىي قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، مەدەنىي، ئىلمىي ئىدىيە تۇرغۇزۇپ، بېكىنمە، قالاق، مۇتەئەسسىپ، نادان ئىدىيەلەرنى چۆرۈپ تاشلاشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

      ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئوتتۇرا يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرىدىغان، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، مېھرىبانلىقنى تەكىتلەيدىغان، «ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەت»نى تەكىتلەيدىغان دىن. بىز چوقۇم شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، دىن جەزمەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۇ ھەرقانداق دىن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي قانۇنىيەت. دەۋر ۋە تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، ئىلگىرىلىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇرت - ماكاننى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى