• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مۇقىملىق−ئامەت، قالايمىقانچىلىق−ئاپەت

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:42 20-04-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. مەن بۇ «خىتاب»تا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىق ۋە بەختكە تەلپۈنىدىغان يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دەپ قارايمەن. مەن ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان بۇ ھەرىكەتنى ناھايىتى قۇۋۋەتلەيمەن ھەم قوللايمەن.

      زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان بولۇپ، زوراۋان - تېررورچىلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. زوراۋان - تېررورچىلار قانچە غالجىرلاشقانسېرى، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسى شۇنچە مۇستەھكەملىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىشەنچى شۇنچە چىڭىيىدۇ. «ئادالەت ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىسا، جاھالەت ئارقىغا بىر قەدەم چېكىنىدۇ»، ھەققانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، ئىتتىپاقلىق ھامان بۆلگۈنچىلىكنى بېسىپ چۈشىدۇ. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەرقانداق رايوندا قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ. دۆلىتىمىز قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، بىز ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

      تارىخىي ئەمەلىيەت مۇقىملىق −ئامەت، قالايمىقانچىلىق − ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جەمئىيەت مۇقىم بولسا، ئىقتىساد ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىپ، پۇقرالار بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكى، مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى داۋاملىق كۈچىيىپ، ئىتتىپاقلىقنى سۆيۈش، مۇقىملىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى. بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۆزىنى چاغلىمىغانلىق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ ھەم ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

      ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي تۆمۈر قورغان بولۇپ، زوراۋان - تېررورچىلار قانچە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان تەقدىردىمۇ، ئاممىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىشلەش سۈپىتىمىز بىلەن خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش ياردىمى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ياردەم، كۈتۈنۈش ۋە «ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش» قاتارلىق تۈرلۈك خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە خىزمەتنى پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق ئەلنىڭ غېمىنى يەپ، ئەلنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئەلنىڭ ھالىغا يېتىمىز، خەلقنى چوڭقۇر سۆيىدىغان قەلب ۋە ھېسسىياتىمىز بىلەن ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئاممىغا يەتكۈزىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، زوراۋان - تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئاممىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، زوراۋان - تېررورچىلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمىز.

      باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن - ئىشلەنمىگەنلىكىگە باھا بېرىشتە، ئەڭ ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىگە، تىنچ - ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت ھەم ئىناق - مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان - ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئالاھىدە سىياسىي سىناق ئالدىدا، بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىمىز. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىنى قەتئىي قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمىز. بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز!


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى