• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شوپۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان خاتا قاراشلار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:13 18-04-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تۈۋەندىكى شوپۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان خاتا قاراشلارنى كۈرۈپ باقايلى.

    ماي قانچە كۆپ قاچىلانسا شۇنچە ياخشى
    بەزى شوپۇرلار ئاپتوموبىلغا ماينى لىق قاچىلايدۇ، بىراق ماينى بەك لىق قاچىلىسا، ماي ئورنىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ بۇزۇلۇپ، پرىبور دىسكىدا خاتالىق پەيدا بولىدۇ؛ ئەگەر تىقىلما ھاۋا ئۆتۈشۈش تۆشۈكى توسۇلۇپ قالسا، باكنىڭ ئىچىدە مەنپىي بېسىم پەيدا بولۇپ، ماي يەتكۈزۈش راۋان بولمايدۇ، ھەتتا ماي ئېقىپ ئوت كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.
    ئاپتول قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى
    ئاپتول يېتىشمەي قالسا، سۈركىلىش ئېغىرلىشىپ موتور بۇزۇلىدۇ؛ ئەمما ئاپتول چەكتىن ئېشىپ كەتسە، موتور ئىشلىگەندە جەينەكلىك ئوق دەستىسى بىلەن تۇتاشتۇرغۇچى دەستىنىڭ مۇھىم تەرىپىدە كۈچلۈك قوچۇلۇش يۈز بېرىپ، موتورنىڭ خىزمىتى تۇراقسىزلىشىدۇ- دە، سېلىندىر دىۋارىغا چاچرايدىغان ئاپتول ئېشىپ قېلىپ كۆيۈشكە باشلايدۇ، ھەتتا خەۋپ يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئاپتولنى يۇقىرى ۋە تۆۋەن شىكالا سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كونترول قىلىش كېرەك.
    بالوننىڭ بېسىمى تۆۋەن بولسا ياخشى
    بەزىلەر يازدا چاق ئىسسىقلىق تەسىرىدە كېڭىيىپ بالون ئېتىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا بالوننىڭ بېسىمى تۆۋەنلىتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالوننىڭ بېسىمى تۆۋەن بولسا تېخىمۇ خەتەرلىك، چۈنكى ئاپتوموبىلنىڭ بالونى تۆۋەن بېسىمدا يول يۈرسە، بالوننىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ ۋە سۈرئەتنىڭ تېزلىشى بىلەن ئېتىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالوننىڭ بېسىمى بەك تۆۋەن بولسا شەكلى ئۆزگىرىپ ئۇپىراپ كېتىدۇ، ماينىڭ سەرپىياتىمۇ ئاشىدۇ.
    ئاپتوموبىل خالاستايدا يول يۈرسە ماي تېجىلىدۇ
    بەزى شوپۇرلار ئاپتوموبىل دۆڭدىن پەسكە خالاستايدا چۈشسە ماي تېجىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق ئاپتوموبىل دۆڭدىن، بولۇپمۇ ئارىلىقى ئۇزاق ياكى تىك دۆڭدىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا، سۈرئەتنى تورمۇز بىلەن كونترول قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك. چۈنكى تورمۇز ئۇزاق تۇتۇلسا، سۈركەلمە پىلاستىنكا زىيادە قىزىپ تورمۇز ئىقتىدارىنى يوقىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل سۈرئىتىگە ئاساسەن خوتنى يۆتكەپ موتور ئارقىلىق تىزگىنلەش بىلەن بىللە، تۇرمۇز تۇتۇشنى قوشۇمچە قىلىش ئاقىلانىلىق.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى