• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا كۈچەت تارقىتىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:13 17-04-2017
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابلىز، راخمانجان مەمتىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن 4-تۈركۈمدە كومسۇمۇل بازىرىنىڭ قارابۇيۇن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئائىللەرنى زىيارەت قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمىن ئۆيگەب كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى، ھويلىسىنىڭ ئۈچ رايۇنغا ئايرىلغانلىقىنى، ھويلىسىدىكىبوش يەر ۋە ئىشىك ئالدىدىكى ئورمان بەلبېغى ئۈچۈن تەييارلانغان يەرگە ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىپ، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى، بىراق مېۋىلىك كۆچەت سېتىۋېلىشقا مەبلەغ يىتىشمىگەنلىكتىن، كۆچەت ئالالماي، غەم قىلىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن، دېھقانلار ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللارنى ۋە بۇ كەنتنىڭ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئىدارىگە يوللاپ، ئىدارە رەھبەرلىرىنى كەنتنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىدى خەۋەردار قىلدى، ئىدارە رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بۇ كەنتكە تۆت قېتىم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە سان تۇرغۇزۇپ، 60 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى يېقىندا بۇ مەبلەغكە 30 مىڭ 339 تۈپ ياڭاق كۆچىتى، 1825 تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى قاتارلىق مېۋىلىك كۈچەت ھەم ئىھاتە ئورمان قىلىش ئۈچۈن 9836 تۈپ تېرەك كۆچىتى سېتىۋېلىپ، كۆچەتلەرنى 213 ئائىلىگە تارقىتىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ باغ-ئورمانچىلىق ۋە ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.
    قارابۇيۇن كەنتتىن پاتەم ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇ قېتىم ماڭا ياڭاق، ئۈزۈم كۆچىتىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، مەن بۇ كۆچەلەرنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، تېزراق مېۋىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى