• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:41 17-04-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، بىڭتۈەننىڭ تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى ساقلاش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئورنىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن بىڭتۈەننىڭ ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋە بىڭتۈەننىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشكە پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىنى بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرانى تىنچلاندۇرۇپ، مۇستەھكەملەيدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۈەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى بىڭتۈەننىڭ ئومۇمىيىتى دەيدىغان قاراشنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلۇقى كۈچ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۈەننىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ قۇدرەت تېپىشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى دېيىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەنگە قانۇن بويىچە پائال ھوقۇق بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ ‹‹مەمۇرىي›› فۇنكسىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن كۈچەپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىڭتۈەننىڭ ئىچكى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى راۋاجلاندۇرۇش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاشنىڭ، ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمىنىڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم بازار بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ھەم بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹مەمۇرىي›› فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆزگەرتىپ، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى بىلەن تۈەن – مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداشما ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەننى جەنۇبقا راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەننى تىرىشىپ فۇنكسىيەلىك ئورنى ئېنىق، تۈزۈلمە، مېخانىزمى مۇكەممەل، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، رولىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، رەھبەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ. بىڭتۈەن پارتكومى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسى، يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يانداشما ھۆججەت تۈزۈپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت سۈرئىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىغا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى كېرەك.

    يىغىندا يەنە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى