• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شى جىنپىڭ فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لوخىلا بىلەن كۆرۈشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:14 06-04-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خېلسىنكىدا فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لوخىلا بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا بولسۇن ياكى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا بولسۇن فىنلاندىيە غەرب ئەللىرىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلدى؛ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىر ساغلام راۋاجلاندى. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. فىنلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

    شى جىنپىڭ پارلامېنت باشلىقى لوخىلانىڭ ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ياخشى دوست شەھەرلەر سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەل ئىچى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاش تۇرۇشى لازىم. جۇڭگو شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقى جۇڭگو فىنلاندىيە، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى ۋە تەركىبىي قىسمى. فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگو شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىغا داۋاملىق قاتنىشىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لوخىلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى فىنلاندىيە ئۈچۈن پۇرسەت دەپ قارايدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا، مەدەنىيەت، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەر ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن 60 يىلدىن كۆپرەك دوستانە ئالاقىلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشتى. فىنلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ياش پارلامېنت ئەزالىرى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى