• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇقتىن كېيىنكى تۇرمۇشى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:08 05-04-2017
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكىدىكى «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 31- مارت خەۋىرى. ئۆتكەن ئايدا باراك ئوباما يېڭى ئىشخانىسىدا تۇنجى قېتىم كوكتېل ھارىقى زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق بىر زىياپىتى بۇ قېتىمقىدىن خېلىلا دەبدەبىلىك بولدى. زىياپەتتىكى ھاراقلارغا ھەر خىل ماركىلار چاپلانغانىدى. تار كارىدوردىكى ئۈستەللەرگە قورۇمىلار قويۇلغانىدى. زىياپەتنىڭ ئىگىسى گالىستۇك تاقىمىغان بولۇپ، رەسمىي يوسۇندىكى گەپ- سۆزلەرنىمۇ قىلمىغان. ئوباما ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان ئەمەلدارلار، مەسىلەن: بايدېن، ئاقساراي ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى دېننىس ماكدونو ھەمدە دەرىجىسى ئۇلاردىنمۇ تۆۋەن بولغان ئەمەلدارلار ئاددىي بېزەلگەن بۇ ئۆيدە پاراڭلاشماقتا ئىدى.

    كەچلىك تاماق ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ئوباما ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا غايىب بولغان. ئىلگىرى ئاقساراي ئالاقە ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن ۋېلدېس مۇنداق دېگەن: ئوباما چاقچاق قىلىپ، ھازىر مېشېلنىڭ يېنىغا بارمىسا چوڭ ئاۋارىچىلىككە قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    گەرچە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوبامانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقتىن كېيىنكى ھاياتىنى كوكتېل ھارىقى زىياپىتى ئۆتكۈزگەنگە ئوخشاش ئىنتايىن ئاددىي - ساددا ئۇسۇل بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان. ئىلگىرى ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان ۋالېرى جېيرېت مۇنداق دېگەن: ئۇ ئاددىي- ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ھۇزۇر ئالماقتا. ئۇ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئازادە قويۇۋېتىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا ھەمراھ بولماقتا.

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇقتىن كېيىنكى بۇ خىل تۇرمۇشى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئەمما ئۇنىڭ دەم ئېلىۋالغۇدەك بۇ پۇرسىتى ئۇزاق داۋاملاشماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ساياھەت رايونىدا دەم ئېلىۋاتقاندا بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۇ ئىمزالىغان داۋالىنىش قانۇن لايىھەسىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋەتمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلغان.

    ھېلىھەم قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدىغان ئوباما ئائىلىسى ئوبامانىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىنى ئاشكارىلاش سالمىقى ھېلىھەم يۇقىرى بولۇۋېتىپتۇ. بۇنداق بولۇشىغا ئۇنىڭ ھېلىمۇ ياش تۇرغانلىقى، ئاقسارايدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، زور ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئەر- خوتۇنلاردىن ئىكەنلىكى، شۇنداقلا قىزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشى تۈگىگىچە ۋاشىنگتوندىن ئايرىلماسلىقنى تاللىغانلىقى سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن زۇڭتۇڭ بولغان ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى قايتىدىن «چىراغ يورۇقى»غا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

    زۇڭتۇڭ ترامپ ئىلگىرى بۇ زۇڭتۇڭنى ئىزچىل چىشلەپ تارتقانىدى، چۈنكى ئوباما ئۇنىڭغا «بىر دۆۋە قىيىن مەسىلە» لەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، مەسىلەن: ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىپ كېتىشى، ئوتتۇرا شەرق ۋە چاۋشيەندە ساقلىنىۋاتقان «زور مەسىلىلەر» دېگەندەك. سايلامدىن كېيىن ئوباما بىلەن ترامپنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىمۇ ئاخىرلاشقان؛ ترامپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ئىككىيلەن قايتا پاراڭلىشىپ باقمىغان.

    مۇشۇ ئايدا ترامپ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ ھەمدە ھېچقانداق ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ، ئوبامانىڭ سايلام جەريانىدا ترامپ بىناسىدىكى ئالاقىنى ئوغرىلىقچە تىڭشىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تىۋىتتېرىغا يازما ئېلان قىلغان. بۇ ئەيىبلەش ئوبامانىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھەمدە ئىككى پارتىيەدىن چىققان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئەيىبلەشنى قىلچىلىك ئاساسى يوق، دەپ قارىغان.

    گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پېنسىيەگە چىققان ئامېرىكىنىڭ باشقا سابىق زۇڭتۇڭلىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئوباما ھازىرچە ئانچە مۇقىم بولمىغان، پارتىيە تۈسى قويۇق بولغان سايلام رايونىنى قايتىدىن ئايرىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

    سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ ئوباماغا بولغان قىزىقىشى سۇسلاپ قالمىغان، ئەمما ئۇ خۇددى پۇقرالاردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ كويىدا بولۇۋېتىپتۇ. بۇ ھال ئۇنىڭ سابىق زۇڭتۇڭلۇقتىن ئىبارەت بۇ سالاھىيەت بىلەن ئادەتتىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرەلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان. جورج W بۇش ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان چاغدا ئۇنى قوللاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئۇ داللاسقا قايتقاندىن كېيىن خاتىرە يېزىشقا ۋە رەسىم سىزىشقا خۇشتار بولۇپ قالغان. مەلۇم خىل مەنىدىن قارىغاندا، بېل كلىنتوننىڭ نيۇيوركقا قايتقاندىن كېيىن كىشىلەرگە بەرگەن سىياسىي تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا خىزمەت سالمىقىنى تۆۋەنلىتىپ، كلىنتون جەمەتىنىڭ فوندى جەمىئىيىتىنى قۇرۇش ھەمدە خانىمىنىڭ سىياسىي كەسپىي ھاياتىنى قوللاشقا باشلىغان.

    دەم ئالغاچ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش

    ئوباما چوڭ قىزى مالىيا ۋە مەسلىھەتچىسى جېيرىت بىلەن بىللە فېۋرالدا برودۋېيغا بېرىپ ئارسېر مېللېرنىڭ «بەدەل» ناملىق ئويۇنىنى كۆرگەن. ئۇلار تاماشىبىنلارنى يورۇتىۋاتقان چىراغ ئۆچكەندە زالغا كىرىپ، يەنە چىراغ ئۆچكەندە ئاستا زالدىن ئايرىلغان. ئوبامانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرى تىۋىتتېرىغا بۇ ئۇچۇرنى يوللىغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆپ قىسىم تاماشىبىن ئوبامانىڭمۇ ئويۇن كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ چىققاندا، زالنىڭ سىرتىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلىپ كەتكەن.

    گەرچە مېشېل ئوباما باشقىلارنىڭ ئۇنى سۈرەتكە تارتىشىنى خالىمىسىمۇ، مۇخبىرلار داۋاملىق ئۇ بارىدىغان چېنىقىش سارىيىنىڭ سىرتىدا ئۇنى كۈتىدىغان بولۇپ قالغان.

    ئوباما ئائىلىسى ئۆزلىرىنى چىراغ نۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ساياھەتكە، مەسىلەن: پالما بۇلىقى، كارىب دېڭىزى ۋە ھاۋاي دېگەندەك جايلارغا بارغان. يېقىندا ئوباما يەنە زۇڭتۇڭ مەركىزىنىڭ تۈر تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئوئاخۇ ئارىلىغا بارغان. ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوباما مانا مۇشۇنداق دەم ئالغاچ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

    ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوبامانىڭ ئوئاخۇ ئارىلىغا بېرىشى بىلەن ھاۋايدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ يېڭى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشى ئارىسىدا مەلۇم باغلىنىش بار ئىكەن. ئەمما بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سۇيىقەست نەزەرىيەسى تىلغا ئېلىنغان بۇ خەۋەرنى تور بېكەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپىتىدە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىن كەلگەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك كېللې ئوبامانىڭ ۋاشىنگتوندىن ئايرىلماسلىقىدىكى سەۋەبنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك كۈنتەرتىپىنى پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان سايە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن دەپ قارىغان.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ترامپ ئوباما بىلەن ئىزچىل ئارىلىق ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئوبامادىن مەسلىھەت ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنداق قىلىپ باقمىغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوباماغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستەلگە بىر پارچە خەت قويۇپ قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان (ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئارىسىدىكى بىر خىل ئەنئەنە). بىراق ئوباما ئەينى چاغدا ساياھەت قىلىۋاتقاچقا، ترامپقا كېيىنرەك تېلېفون قايتۇرغان، ئەمما ترامپ ياردەمچىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەشەككۈرىنى يەتكۈزۈپ قويغان ھەمدە ئوباما بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

    بارلىق كىشىلەر شۇنداق دەپ قارايدۇكى، ئوبامانىڭ كىچىك قىزى ساشا 2019- يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىدىكەن. سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئالبېرت گور مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: ئوباما ئەر- خوتۇن بالىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقارغان. كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ قارارىغا قايىل بولغان ھەمدە ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەن.

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى