• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سىموني: ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقى مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىمىزىنى چىقىرىمىز، دېدى

    مەنبە : news.zhibo8.cc
    يوللانغان ۋاقىت : 11:53 06-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى. بېيجىڭ ۋاقتى ئەتە ئەتىگەن تاڭ سەھەردە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقى D گۇرۇپپىسىدا كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ. مادرد ئاتلىكتا كوماندىسى مىھمان مەيداندا بايرىن كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سىموني مۇسابىقىدىن بۇرۇن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەيدان مۇسابىقە توغرىسىدا توختالدى ۋە بايرىن كوماندىسنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى دەپ قارىدى.

    سىموني بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولۇش سۈپتىم بىلەن ھەر مەيدان مۇسابىقىدە مەن ناھايىتى خۇشال بولىمەن، بەزى مۇسابىقىلەر ئادەمگە چەكسىز شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ، ئەتىكى مۇسابىقىمۇ شۇنداق. مەن ئىزچىل ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن، گۇرۇپىىدا 1-بولۇش بىزنىڭ نىشانىمىز، ھازىر بىز بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. گوللاندىيەدىن تارتىپ رۇسىيەگىچە بولغان مۇسابىقە جەريانى باشقىلارغا ناھايىتى ئاسان تۇيۇلىدۇ، لېكىن بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ بەدەل تۆلىدۇق، دېدى.

    ئۇ يەنە: بايرىن كوماندىسى ناھايىتى مۇنەۋۋەر توپچىلارغا ئىگە كوماندا، ئۇلار ھازىر گۇاردىيولا دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، مۇسابىقە جەريانى ناھايىتى مۈشكۈل، بىر مەشقاۋۇل بولۇش سۈپتىم بىلەن غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتكە توغرا قارايمەن. شۇنىسى ئېقىنكى ئەنچېلوتتى بايرىن كوماندىسىنى باشلاپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، دېدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى