• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئورگان تورى: ئاگۈيرو تۆت مەيدان، فېرنەندىنىھو ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى، دېدى

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:46 06-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. مانچېستىر شەھىرى ئورگان تورى ۋە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1-3 نەتىجىدە چېلسى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئاگۈيرو بىلەن فېرنەندىنىھو زورلۇق ھەرىكىتى قىلغاچقا، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاگۈيرونى تۆت مەيدان مۇسابىقىدىن، فېرنەندىنىھونى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىدى.

    ئالدىنقى ئايلانما ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن چېلسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا، ئاگۈيرو داۋىد لۇيىسنىڭ پۇتىغا قايچىسىمان تېپىۋەتكەن، فېرنەندىنىھو بولسا فابرىگاسنىڭ گېلىنى بوغقاچقا، باش رېپىر بۇ ئىككى توپچىغا قىزىل كارتا جازاسى بېرىپ، مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.

    ئاگۈيرو ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر شەھىرى بىلەن لېيچېستىر شەھىرى، ۋاتفورد، ئارسېنال ۋە ھۇل شەھىر كوماندىلىرى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، بىراق كېلىتلىقلار كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان ئۇزغۇنلۇق گورۇپپا مۇسابىقىسى ۋە لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ.

    بىرازىلىيەلىك توپچى فېرنەندىنىھو مانچېستىر شەھىرى بىلەن لېيچېستىر شەھىرى، ۋاتفورد ۋە ئارسېنال بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، بىراق ھۇل شەھىرى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ. بۇ ئىككى ماھىردىن باشقا، ئوتامېندى چېلسى كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچىرىغان، ھەمدە سېرىق كارتا سانى بەشكە يەتكەچكە، لېيچېستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى