• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بارسېلونا VS مۆنشىنگلادباخ مۇسابىقىسىگە نەزەر

    مەنبە : news.zhibo8.cc
    يوللانغان ۋاقىت : 11:42 06-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى. بېيجىڭ ۋاقتى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى 03:45، 2016/17–يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئالتىنچى ئايلانمىسىدا، بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا مۆنشىنگلادباخ كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

    مۇسابىقە تۈرى: ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا 6-ئايلانمىسى

    مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندا: بارسېلونا كوماندىسى VS مۆنشىنگلادباخ كوماندىسى

    مۇسابىقە ئورنى: ئىسپانىيە بارسېلونا شەھرى، نوكەمپۇ پۇتبول مەيدانى

    مۇسابىقە ۋاقتى: 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 3:45

    بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ كۆرۈش نۇقتىسى تۆۋەندىكىچە:

    1. بارسېلونا كوماندىسى كەڭ كۆلەمدە ئاساسلىق ئەزالارنى ئالماشتۇرىشى مۇمكىن

    ئالدىنقى مەيدان ئىسپانىيە دېربيسىدە بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ، قىممەتلىق 3 نومۇردىن قۇرۇق قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى كوماندىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق يەنىلا 6 نومۇر بولدى. لېكىن بارسېلونا كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئاللىقاچان گۇرۇپپىدا 1-ئورۇنغا مۇقىملاشقان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئورنىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شۇڭا مەشقاۋۇل ئېنرىك بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كەڭ كۆلەمدە ئاساسلىق ئەزالارنى ئالماشتۇرۇپ، باشقا توپچىلارغىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

    2. پاكو ئالكاسېر بارسېلونا كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزەلەمدۇ؟

    بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە 30 مىليون ياۋرو باھا بىلەن بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان يېڭى ئەزا پاكو ئالكاسېر كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىقبالى پارلاق دەپ قارالغان، لېكىن ئۇ ھازىرغىچە 9 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان ۋە بارسېلونا مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ئۇ ئۆزىمۇ بۇ سەۋەبلىك مۇسابىقە جەريانىدا قاتتىق جىددىيلەشكەن. شۇنداقتىمۇ بارسېلونا كوماندىسى ئىچكى قىسىمى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويمىغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزەلەمدۇ-يوق؟ بۇ ھەممىمىزنى تەقەززا قىلماقتا.

    3. مۆنشىنگلادباخ كوماندىسىنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان مۆنشىنگلادباخ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە تۇيۇقسىزلا بوشاپ قالدى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى 9-ئايلانمىسىدا 0:0 نەتىجىدە فرانكلىن كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 7 مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىدى. بۇ قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى مۇسابىقىسى گۇرۇپپىدا 3-ئورۇن مۇقىملىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار كېلەر پەسىل ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇلارغا نىسبەتەن ئانچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى