• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    زىدانى نوكامپۇ مەيدانىدا بىرلەشمىدىكى 100– توپىنى كۈتۈۋالدى

    مەنبە : news.zhibo8.cc
    يوللانغان ۋاقىت : 19:27 05-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسپانىيە «دۆلەت دبرىيسى»دا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن بارسېلونا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشپ قالدى. مۇسابىقنىڭ 90-مىنۇتىدا راموس «بوغۇزلاش» خاراكتېردىكى بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر تەڭلەشتۈرۈپ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. تىلغا ئېلىشقا تېگشلىكى بۇ توپ زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى كوماندىدىكىلەرنىڭ بىرلەشمىدە ئۇرغان 100-توپى بولۇپ قالغان.

    زىدانى ھازىرغىچە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 34 مەيدان مۇسابىقىسگە يېتەكچىلىك قىلىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 27 مەيدان غەلىبە قىلىپ 6 مەيدان تەڭلىشپ 1 مەيدان ئۇتتۇرغان. 34 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىىسدە جەمئىي 87 نومۇرغا ئېرىشكەن، ھەر بىر مەيدانغا ئۇرغان توپ سانى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 2.94 توپ بولغان. زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسى تارىخىدىكى بىرلەشمىدە 100 توپلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن 22-مەشقاۋۇل بولغان ھەم مەيدان سانىغا توغرا كەلگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ مەشقاۋۇل بولۇپ قالغان.

    بۇ سانلىق-قىممەتكە ئەڭ يېقىنلاشقىنى ئەنچىلوتى بولۇپ ئۇ 76 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە يىتەكچىلىك قىلىپ 222 توپ كىرگۈزگەن، ھەر بىر مەيدانغا توغرا كەلگەن توپ سانى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 2.92 توپ بولغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى