• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مادرد رېپىرنى ئەيبىلىدى: سۇئارىزنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئوفسايىت بولغان توپ

    مەنبە : sports.sohu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:59 05-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سوخو تورى خەۋىرى. ھەر قېتىملىق ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى»دا تالاش-تارتىش كەم بولغان ئەمەس. تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان «دۆلەت دېربيىسى»دىكى باش رېپىر كىروس گومېز ئوخشاشلا بىر نەچچە تالاش-تارتىشلىق مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولغاندا باش رېپىر خانلىق مادرىد كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپنى بەرمىگەن ھەمدە مادرىد تاراتقۇلىرنىڭ ئەيىپلىشگە ئۇچرىغان. كەينىدىن گۇمانىي قاراشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كارۋاخالنىڭ قول توپىنىمۇ نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلماي بارسېلونا تاراتقۇلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 2-مىنۇتىدا لۇكاس ۋاسكېز سول تەرەپتىن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەن، ماسچىرانو پۇت سېلىپ لۇكاس ۋاسكېزنى توسقان ،بىراق ئۇنىڭ پۇتى توپقا تەگمەي لۇكاس ۋاسكېزنى يىقىتىۋەتكەن، ۋاسكېز ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ قائىدسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باش رېپىر بۇنىڭغا ھېچقانداق ھۆكۈم قىلمىغان.

    «ماركا گېزىتى»دىن ئالۋىر باش رېپىرنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاستا كۆرۈنۈشتىن قارايدىغان بولساق ماسچىرانو پۇت سالغاندا ئۇنىڭ پۇتى توپقا تەگمەستىن ۋاسكېزنىڭ يۈگۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان، ئەمەلىيەتتە بۇ تالاش-تارتىشسىز بىر نۇقتا توپ ئىدى.

    مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا ئالبا سول تەرەپتىن پاس تاشلىغان، كارۋاخال قوغلاپ كېلىپ بەدىنى ئارقىلىق توپنى توسقان، سىنچىلاپ قارايدىغان بولساق توپ كارۋاخالنىڭ قولىغا تەگكەن. ئالبا بۇ ۋاقىتتا نۇقتا توپ ئىكەنلىكنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ كارۋاخال ئۆزىنىڭ مەيدىسگە ئۇرۇپ قولغا تەگمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

    ئەمەلىيەتتە بۇ توپنىڭ كارۋاخالنىڭ قولىغا تەگكىنى ئېنىق، بىراق باش رېپىرمۇ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن. مۇسابىقنىڭ 2-مىنۇتىدا نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلىنماسلىق بىلەن بىلەن بۇ توپقا ھۆكۈم قىلىنماسلىقى تەڭپۇڭلىشپ كەتكەن.

    «ئا س گېزىتى» كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى سۇئارىزنىڭ ئۇرغان توپنى ئوفسايىت (ئورۇن ھالقىغان) دەپ قارىغان. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي نېيمار ئىختىيارىي توپ باشلىغان چاغدا سۇئارىز ئوفسايىت ئورۇندا تۇرغان، سۇئارىزنىڭ قولى خانلىق مادرىدنىڭ ئەڭ ئاخىرقى توپچىسنىڭ كەينىدە تۇرغان، بىراق باش رېپىر بۇ توپنى ئىناۋەتلىك ھېسابلىغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى