• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مانچېستىر بىرلەشمىسى يىقىندا 8 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىرلا مەيدان غەلىبە قىدى

    مەنبە : news.zhibo8.cc
    يوللانغان ۋاقىت : 15:34 05-12-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى. 12- ئاينىڭ 5- كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئېىگىلاند بىرلەشمىسى 14- ئايلانمىسىدا، مانچېستىر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا ئېۋىرتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، نەتىجىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى 1:1 نەتىجىدە ئېۋىرتون كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، بۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ قېلىشى بولۇپ، ئۇلار يېقىنقى سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت 1 مەيدان غەلىبە قىلدى (1 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 6 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان مەغلۇپ بولغان).

    مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئەھۋالى:

    ئېۋىرتون كوماندىسى 1:1 مانچېستىر بىرلەشمىسى

    مانچېستىر بىرلەشمىسى 1:1 غەربىي ھام كوماندىسى

    مانچېستىر بىرلەشمىسى 1:1 ئارسېنال كوماندىسى

    سۋانسى كوماندىسى 3:1 مانچېستىر بىرلەشمىسى

    مانچېستىر بىرلەشمىسى 0:0 بۇرنلى كوماندىسى

    چېلسى كوماندىسى 0:4 مانچېستىر بىرلەشمىسى

    لىۋېرپول كوماندىسى 0:0 مانچېستىر بىرلەشمىسى

    مانچېستىر بىرلەشمىسى 1:1 ستوك شەھىرى كوماندىسى

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلەشكەندىن كېيىن، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئالدىنقى 14 ئايلانما مۇسابىقىدە 21 نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت- تەرتىپتە 6- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، مانچېستىر بىرلەشمىسى بۇ مۇسابىقە پەسىلى باشلىنىشىدا ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېقىنقى 11 مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت 12 نومۇرغا ئېرىشكەن.

    مورىنھو كوماندىنى يىتەكلەپ يېقىنقى 30 مەيدان ئېنگىلاند بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە پەقەت 36 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى 14 ئايلانمىدا 21 نومۇر ئېلىش مانچېستىر بىرلەشمىسى يېقىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك مەشقاۋۇللار ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى