• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تازىلىق سۇيۇقلۇقىنى مۇنداق ئىشلەتسە قەتئىي بولمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:05 30-11-2016
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئائىلە جابدۇقلىرى ياكى پولنى تازىلىغاندا، بەزىلەر دېزىنفىكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىدۇ، بىراق بۇ ئۇسۇل بىلەن مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«دېزىنفېسىيەلەش سۇيۇقلۇقىنى مىكروب بىلەن تولۇق ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىش كېرەك، بولمىسا سالمونېللا باكتېرىيەسىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئادەتتە دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى تازىلىنىدىغان يەردە ئىككى مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇلسا، ئاندىن بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ».

    مۇتەخەسسىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«بەزىلەر ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى بىلەن ھاجاتخانا تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىللە ئىشلىتىدۇ، بىراق بۇنداق قىلغاندا زەھەرلىك خىلور گازى پەيدا بولۇپ، نەپەس يوللىرىنى غىدىقلاپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، شۇڭا چوقۇم بىر خىللا تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئوندا بىر ئۈلۈش ئاچچىقسۇ قوشۇلغان ئېرىتمىنىڭمۇ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، ئۇنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تازىلاش سۇيۇقلۇقى مەھسۇلاتلىرى تېرىنىڭ قىزرىپ يۇقۇملىنىشى، ھەتتا يېرىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۆي تازىلىغاندا پەلەي كېيىش، كىيىم يۇيغان ۋە پول سۈرۈتكەندە پەلەينى ئېلىۋەتمەي گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك».

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى