• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئائىلىدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئانىنىڭ كەيپىياتىدىن كېلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:33 30-11-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئانىلارنىڭ: بالامغا ئاچچىقلىسام، ئۇرسام بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق ئۆزۈمنى قەتئىي كونترول قىلالمايمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلۋاتقانلىقنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن. كەيپىيات بىر خىل ئېنېرگىيە، ئەگەر ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ كەيپىياتى بىر تەرەپ قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرسا، بۇ مەسىلىلەر بارا-بارا يېغىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن توختىماستىن باھانە ئىزدەيدۇ، بالا شۇنداقلا «كەپسىزلىك» قىلغاندا، پىلىكىگە ئوت يېقىلغان بومبىدەك پارتلاشقا باشلايدۇ. ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلالمايسىز؟ داڭلىق پىسخولوگ لىن ۋېن سەي دوكتورنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ باقايلى:
    بۇ دۇنيادا پەقەت بىر خىللا ئادەملەردە كەيپىيات بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈك ئادەملەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەيپىياتنىڭ بولۇشى ئۇ ئادەمنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردىكى كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى كونتروللۇقنى يوقاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئۇنداقتا كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى دېگەن نېمە؟ ئۇ ئۆيدە مىنا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئۆيىڭىزدىكى مىنانىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
    ئەگەر مىنانىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، ئۇ سىزنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ، قايسى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا دەسسەپ پارتلاپ، كۈكۈم تالقان بولۇپ كېتىىشىڭىزنى بىلمەيسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىدىكى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك ئانىلاردىن كېلىدۇ. ئانىلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. «بىخەتەرلىك» - مۇقىم، ئەركىن، بەھۇزۇر ئىكەنلىكىنى، كەيپىياتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. مەيلى ئۇ قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئىشلارغا يولۇقسۇن، بالىلار ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ.
    بالا ئانا كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ تېز ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئۆيدە ئانا ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىسى بىلەن بىللە ئولتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئالدىدىن چاشقان شۇنداقلا ئۆتۈشىگە ئانا بىرنى چېقىرىسا، بالا ئانىنىڭ ئىنكاسىدىن چاشقاننىڭ قورقۇنۇچلۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. بىردەمدىن كېيىن مۈشۈك ئۆتسە، ئانا مۈشۈككە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىسا، بالىلار مۈشۈكنى بىخەتەر دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچۈك ئۆتسە، ئانا كۈچۈككە كۈلۈپ قارىسا، بالا كۈچۈكنى «ئوماق» دەپ ئويلايدۇ-دە، بېرىپ ئۇنى سىلىغۇسى كېلىدۇ. بۇ دەل بالىلارنىڭ كۈچۈك سىيلاشقا ئامراقلىقىدىن ئۇنىڭ چىشلىشىگە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى.
    بالىلار قانداق ۋاقىتتا قورقۇشنى، قانداق ۋاقىتتا قورقماسلىقنى كىمدىن ئۆگىنىدۇ؟ بۇ ناھايىتى ئېنىق، ئۇ ئانىسىنىڭ ئىش- ھەرىكەت، ئىنكاسلىرىدىن ئۆگىنىدۇ. بالىلار ئانىنىڭ سان- ساناقسىز كەيپىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ئەنسىز كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا، ئانىمىزنىڭ تەسىرىدە بۇ دۇنياغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەنگەنىدۇق. ئۇنداقتا بالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قانداق بېرەلەيمىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلىپ، بولۇپمۇ بالا ئۈچ ياشقا كىرگۈچە كەيپىياتى تۇراقلىق ئانا بولۇشقا تىرىشىش كېرەك.
    قانداق قىلغاندا كەيپىياتى تۇراقلىق ئانا بولغىلى بولىدۇ؟
    بىرىنچى: كەيپىياتنى باشقۇرۇش- ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىش. كەيپىياتنى كونترول قىلىشنىمۇ ئۆگىنىش كېرەك. كەيپىياتنى كونترول قىلىشنى ئۆگىتىدىغان كىتاب، دەرس، كۇرس قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى قۇراللار بار. بىراق كىتابنىمۇ ئوقۇپ بولۇپ، دەرسلەرگىمۇ قاتنىشىپ بېقىپ، ئۇنىمۇ ئوبدانلا چۈشۈنۈپ تۇرۇپ، ۋاقتى كەلگەندە يەنە ئۆزىڭىزنى باسالمىسڭىز قانداق قىلىسىز؟
    ئىككىنچى: ئاتا- ئانىسىنىڭ ئائىلىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك. ئاتا- ئانىسىنىڭ ئائىلىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك دېگەن نېمە؟ مېنىڭ ئاپام، دادام، ئاكا- ئۇكا، ئىنى-سىڭىللىرىم بىلەن بولغان مېھرىمنى ئۈزەلمىگەنلىكىمنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەن باشتىن- ئاخىر ھەقىقىي قانائەتلەنمىگەن بولسام، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدە باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ياكى خۇشامەتچىلىكنى تاللىغان بولسام، ئۇنداقتا ئۆتمۈشۈمنى بىر تەكشۈرۈپ باقسام بولىدۇ.
    70 نەچچىگە كىرگەن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بوۋاي بار ئىكەن، ئۇنىڭ دادىسى 20 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغاندا، ئۆزىنىڭ مال- مۈلۈكىنى ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداشلىرىغا بۆلۈپ بەرگەن ئىكەن. بىراق ئۇ بوۋاي ئۆزىنى بۇ ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ بەدەل تۆلىدىم دەپ ئويلايدىكەن. ئۇنىڭدا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئائىلىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك بارمۇ- قانداق؟ دەل مېھرىنى ئۈزەلمەسلىكتىن شۇنداق بولغان، يەتمىش يىلدىن بېرى ئۇ بۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلالمىغان. ئۇنىڭ قىزى پىسخىكا ئۆگەنگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مەندىن دادىسىغا ياردەم قىلىشىمنى سوراپ كەپتۇ. ئۇ بوۋاينىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۇۋالچىلىق، شۈبھە ۋە چۈشكۈنلۈكلەر بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا ساتېر داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلدىم، چۈنكى ساتېر دەل ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى ۋاقىتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى بىلەن باغلاپ داۋالاشتا قوللىنىدۇ، بۇنىڭدا پەقەت كىتاب كۆرۈش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دەرسكە قاتنىشىپ ئۆگىنىشىنى ياكى بولمىسا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىدىغانلارنىڭ يېنىغا بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدىم، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىدىغانلار چوقۇم بىر ئامال تاپالايدۇ، بولمىسا بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قايتا يارىلىنىش بولۇپ قالىدۇ.
    ئۈچىنچى: ئازار يېگەن ئىشنى ئەسلەش- ھەر قانداق ئىش ئازاب ئېلىپ كېلىۋەرمەيدۇ، ئوخشاش بىر ئىش بىر ئادەمگە ئادەتتىكىچە تۇيۇلغىنى بىلەن، يەنە بىر ئادەمگە نىسبەتەن قايغۇلۇق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر ئادەم بەدىنى مەلۇم بىر ئىشنى كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىگە بارسا، بەدەندىكى ئۇ مېخانىزم «بەرداشلىق بېرەلمىدىم» دېگەن ئۇچۇرنى چوڭ مېڭە ئارىلىق سىستېمىسىغا ئەۋەتىدۇ.
    ئازار يېگەن يەرنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. پەقەت كىتابقا تايىنىپلا مەسىلىنى ھەل قىلالىغانلار ناھايىتى ئاز. دەرسكە قاتنىشىشقا بولىدۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك دەرسكە قاتناشسا مۇۋاپىقراق بولىدۇ.
    تۆتىنچى: قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر پىسخىكىلىق ئوزۇقلۇقىڭىز يېتىشمىسە، بىرىنچى بولۇپ كەيپىياتىڭىز تۇراقسىز بولىدۇ.
    ئاتا- ئانامنى قوبۇل قىلىمەن، بىراق ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن پىسخىكىلىق ئوزۇقى يېتەرلىك ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئاتا- ئانا بولۇپ ئۆزۈمگە پىسخىكىلىق ئوزۇقلۇق بېرىمەن، ئەگەر مەن ئۇنداق قىلمىسام، كەيپىياتىم بۇزۇلىدۇ. ئەگەر مەن باشقىلارغا تايىنىپ پىسخىكىلىق ئوزۇققا ئېرىشمەكچى بولساممۇ، ئۇ يېتەرلىك بولمايدۇ، چۈنكى باشقىلار بەرسىغۇ رەھمەت دەپ ھەشقاللا ئېيتىشىم مۇمكىن، بىراق بەرمەي قالسىچۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئوزۇقلۇق بېرىشىم كېرەك. بۇ ياش باسقۇچلىرىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، 25 ياشتىن ئىلگىرى، بىز توختىماستىن باشقا يەرلەردىن روھىي ئوزۇققا ئېرىشەلەيمىز؛ 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ مۇھىم ئادىمى بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ھېچكىم مېنى مۇئەييەنلەشتۈرمىسە، مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم مۇئەييەنلەشتۈرۈشۈم كېرەك. ئۇنداقتا ئۇنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
    1. ئۆزۈمنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشىم كېرەك.
    قانداق قىلغاندا ئۆزۈمنى شەرتسىز قوبۇل قىلالايمەن؟ ئەگەر مەن خاتالاشسام، ئۆزۈمگە يەنىلا «مەن يەنىلا ياخشى» دېيەلەمدىم؟ ئۈمىد قىلغان نەرسەمگە ئېرىشەلمىگەندە، تىرىشتىم، بىراق ئارزۇ قىلغان نەرسەمگە ئېرىشەلمىدىم، ئۆزۈمنى قوبۇل قىلالايمەن. ئەگەر كەيپىياتىم ناچارلىشىپ قالسا، بۇنىمۇ قوبۇل قىلالايمەن. ئەگەر مەغلۇپ بولسام، ياسالمىلىق قىلمايمەن، ئۆزۈمنى قوبۇل قىلىمەن.
    2. ئۆزىنى قەدىرلەش.
    ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتى بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك. مەن ئۆزۈمنى قەدىرلەيمەن، باشقىلار ئەزىز بولسا، مەنمۇ شۇنداق ئەزىز. «ياق، بولمايدۇ» دېيىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
    ئانا بولغان ئىكەنسىز، بىر نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. كەيپىياتىڭىزنىڭ تۇراقلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، چۈنكى سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئۆيدىكى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ.
    لىن ۋېن سەي دوكتورنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى- مالايسىيانىڭ ئەڭ داڭلىق پىسخولوگى، ئامېرىكا مېدىتسىنا كونسۇلتاتسىيەنىڭ ئىلىمى دوكتورى، مالايسىيا ساتېر مەركىزىنىڭ باش يېتەكچىسى، 25 يىللىق پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۇ يەنە تېلېۋىزوردا پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش پىروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقىلى 15 يىل بولدى. ھازىر مالايشىيا، جۇڭگو قاتارلىق يەرلەردە ئوقۇتۇش، مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ. لىن دوكتور «پىسخىكىلىق ئوزۇق»، ھاياتلىقتىكى «بەش ئالتۇن گۈل» ھەمدە كەيپىياتنى باشقۇرۇش ئىلمىدىكى «كەيپىيات ئەخلىتى» قاتارلىق پىسخىكىلىق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىكى ئاتا- بالا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى