• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە چۈشكۈنلۈكنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:19 29-11-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغان ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چۈشكۈنلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بۇ پۇرچاق تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋوننىڭ رول ئوينىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
    بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1745 نەپەر ھامىلىدار ئايالنى كۆزىتىش نۇقتىسى قىلغان، تاماكا چېكىش ئادىتى، كىرىمى، يېشى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇرچاق يېمەكلىكلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى تەكشۈرۈلگەن. نەتىجىدە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چۈشكۈنلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %19.3 بولغان، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئەڭ كۆپ يەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ئاز يەيدىغانلارغا قارىغاندا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %37 تۆۋەن بولغان.
    تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاياللار تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ داۋالغۇشى چوڭراق بولسا، ئاسانلا چۈشكۈنلىشىىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن، پۇرچاق تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون ئانىلىق ھورمۇننىڭ رولىنى ئوينىيالايدىغان بولۇپ، ئىزوفلاۋوننىڭ چۈشكۈنلىشىش كېسىلىنى كونترول قىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.ھ

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...
    • ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...
    • ئاياغنىڭ ئۈستىدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتى ئۆتكەن سۈتتە ئاياغ سۈرتۈڭ، قۇرىغاندىن كېيىن قۇرۇق داكىدا ئاياغنى ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى