• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بوۋاقلارنىڭ ھۆل تەمرەتكە بولۇشى ئانىلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:11 29-11-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانىلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تېنىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ۋىتامىن B3نىڭ ھاسىلات مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن ھۆل تەمرەتكە (疹湿) بولۇش خەۋپى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. نىكوتىنامىد ۋىتامىن B3 نىڭ ھاسىلاتى بولۇپ، كىشىلەر ئادەتتە بېلىق، توخۇ گۆشى، گۈمبەمەدەك (موگۇ)، قاتتىق پوستلىق مېۋە ۋە قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق نىكوتىنامىدقا ئېرىشىدۇ. نىكوتىنامىد ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى ۋە ئېنېرگىيە مېتابولىزمىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نىكوتىنامىد مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاندا بوۋاقلارنىڭ يېشىغا يەتكىچە بولغان مەزگىلدە زىيادە سېزىمچان ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقا بوۋاقلاردىن %30 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئانىلارنىڭ تېنىدىكى تىرىپتوفاننىڭ مېتابولىتى بولغان ئورتو ئامىنو بېنزوئات كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىمۇ بوۋاقلارنىڭ ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
    تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ترىپتوفان تېرىنىڭ ئومۇمىي تۈزۈلۈشى، نەملىكى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ، شۇڭا بۇ خىل ماددىلار ئېھتىمال ھۆل تەمرەتكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىكنى قوزغاش مېخانىزملىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...
    • ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...
    • ئاياغنىڭ ئۈستىدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتى ئۆتكەن سۈتتە ئاياغ سۈرتۈڭ، قۇرىغاندىن كېيىن قۇرۇق داكىدا ئاياغنى ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى