• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تاماكا ۋە گېننىڭ ئۆزگىرىشى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:52 29-11-2016
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياپۇنىيە راك كېسىلى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى باشلامچىلىق قىلغان بىر خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئامېرىكىدىكى «تەبىئەت»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«تاماكا چېكىش مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، گېن (DNA) شۇنچە ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن. بىر يىلدا كۈندە بىر قاپ تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ ئۆپكىسىدىكى 150گېندا غەيرىي ئۆزگىرىش بولۇپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدىكەن».
    مۇتەخەسسىسلەر ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق رايونلاردىكى5000دىن كۆپرەك راك ئاغرىقىدىكى راك ھۈجەيرىسىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئانالىز قىلغان. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:«ئاغرىقلارنىڭ تاماكا چېكىش تارىخىغا ئاساسەن، ئۇلارنى كۈندە بىر قاپ تاماكا چەككەن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، تاماكىنىڭ بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەدىنىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەتقىق قىلدۇق. تەتقىقاتتنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆپكە، گال، كاناي، ئېغىز بوشلۇقى، دوۋساق ۋە جىگىرىدىكى 18,23,39,97,150 ۋە ئالتە گېنىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى، شۇنداقلا ھەر قايىسى ئورگانىزمدىكى ئۆزگىرىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمىدى. تاماكىدىكى راك پەيدا قىلىدىغان ماددا ئۆپكە، گال ۋە جىگەردە بىۋاستە ئۆزگىرىش پەيدا قىلسا، دوۋساق بىلەن بۆرەكتە بولدىغان ئۆزگىرىش باشقا ئەزالاردا بولغان گېن ئۆزگىرىشىنىڭ ۋاستىلىك تەسىرى بولىدىكەن».
    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«بۇ نەتىجىدىن ئايانكى، تاماكا تاشلاش ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىز تاماكا پەيدا قىلغان بۇ خىل گېن ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدىغان پىرىنسىپنى تاپالىغان بولساق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلىنى تېزلا يەكۈنلەپ چىققان بولاتتۇق».

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...
    • ۋاقتى ئۆتكەن سۈتنى ...
    • ئاياغنىڭ ئۈستىدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتى ئۆتكەن سۈتتە ئاياغ سۈرتۈڭ، قۇرىغاندىن كېيىن قۇرۇق داكىدا ئاياغنى ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى