• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ساختا زۇكامنى پەرقلەندۈرۈڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:07 29-11-2016
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    زۇكام بولسىلا ئانتىبىيوتىك دورا يەيدىغان ئادەم كۆپ، بىراق ئۇلار دورا يەپ كۈتۈنسىمۇ زۇكىمىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى:«زۇكام بىلەن ساختا زۇكام پەرقلەندۈرۈلمىسە، كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئالدى بىلەن سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ خىل ئاغرىقلاردا بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق كېسەلگە ئانتىبىيوتىك دورا ياكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەر قايتۇرىدىغان جۇڭيى دورىلىرىمۇ تەسىر قىلمايدۇ، بەلكى گىلەم، ئەرمەك ھايۋان ۋە تاماكا بەكرەك تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا بۇ خىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يەپ، ئەتىگەندە چېنىقىپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ».
    مۇتەخەسسىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«قىزىل كېسىلىمۇ ساختا زۇكامنىڭ يەنە بىر ئالامىتى، چۈنكى قىزىل چىقىشتىن بۇرۇن ئادەمدە قىزىش، يۆتىلىش، روھسىزلىنىش، ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ناۋادا قىزىل چىققانلىقى دەلىللەنسە، قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئەڭ ياخشى چارە. ئەگەر قىزىل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالسا، ئۆز ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالاش، باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك».
    مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېيىشتى:«سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ساختا زۇكامنىڭ يەنە بىر ئالامىتى، ئۇنىڭغا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە سەۋەب بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى زۇكامنىڭكىگە ئوخشايدۇ، يەنى يۇتقۇنچاق ئاغرىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن پۈتۈش ۋە ئازراق قىزىش دېگەندەك. سوغۇق ئۆتۈش ۋە زىيادە چارچاش ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، شۇڭا بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلگەندە ئىمكانقەدەر كېسەلنىڭ قايتا قوزغلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك».

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى