• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜك كوماندىسى بارلىققا كەلدى

    مەنبە : sports.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:03 28-06-2016
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ﺑﯩﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ. ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﻮﻟﺸﺎ، ﭘﻮﺭﺗﯘﮔﺎﻟﯩﻴﻪ، ﯞﯦﻠﯩﺶ، ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻼﺭ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ.

    ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺗﻮﭖ ﺟﯧﯖﯩﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ.

    ﭘﻮﺭﺗﯘﮔﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﻠﻤﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 117-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ ﻛﯘﺋﺎﺭﯨﺴﻤﺎﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﮪﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺮﻭﺩﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﻯ.

    ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻨﯩﯔ ﮪﯘﺟﯘﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﯧﻠﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯦﻠﯩﺶ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺮﺩﻯ.

    «ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﺴﻰ» ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻤﯘ 4-0 ﭼﻮﯓ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﭗ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺮﺩﻯ.

    ﭼﺎﺭﻩﻝ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺮﯨﻦ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯩﻦ ﮪﯘﺟﯘﻣﭽﯩﺴﻰ ﻟﯧﯟﺍﻧﺪﻭﯞﯨﺴﻜﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻛﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻧﻮ ﺭﻭﻧﺎﻟﺪﻭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﺭﺗﯘﮔﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﺪﯗ. ﯞﯦﻠﯩﺶ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ»ﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

    ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩنىڭ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 3-0 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻮﯞﺍﻛﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 2-0 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩنىڭ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩدىكى ﺳﺎﮪﯩﺒﺨﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩنىڭ «ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ»ﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺯﻩﺭﺩﺍﺭﻯ ﺋﯧﻨﮕﯩﻼﻧﺪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭼﺎﺭﻩﻙ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺰﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

    ﭼﺎﺭﻩﻙ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻰ «ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺟﻪﯓ ﺗﺎﻧﻜﯩﺴﻰ»ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮪﯩﺒﺨﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ «ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ» ﺋﯩﺴﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

    ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ چېمپىيۇنلۇق ﻟﻮﯕﻘﯩﺴىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى ﭼﺎﺭﻩﻙ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ:

    ﭘﻮﻟﺸﺎ VS ﭘﻮﺭﺗﯘﮔﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﺎﺭﺳﯧﻞ پۇتبۇل مەيدانى ﺑﯩﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 03:00

    ﯞﯦﻠﯩﺶ VS ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ﻟﯩﻞ پۇتبۇل مەيدانى ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 03:00

    ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ VS ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﻮﺭﺩﯗ پۇتبۇل مەيدانى ﺑﯩﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 03:00

    ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ VS ﺋﯩﺴﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺳﺎﻳﻨﺖ ﺩﯦﻨﻨﯩﺲ پۇتبۇل مەيدانى ﺑﯩﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 03:00


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى