• بىلىپ بىلمەي جاسۇسلارنىڭ قولچومىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ!

    قانداق قىلمىشلار جاسۇسلۇق قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ؟جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىن ئېلىندىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (16-نومۇرلۇق) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرى سادىر قىلغان ياكى باشقىلارغا يول كۆرسىتىش، ماددىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق سادىر قىلغان ياكى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات، شەخسلەر شۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سادىر قىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى.جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىش.جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن باشقا، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات، شەخسلەر سادىر قىلغان ياكى باشقىلارغا يول كۆرسىتىش، ماددىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق سادىر قىلغان ۋە ياكى چېگرا ئىچىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات، شەخسلەر شۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سادىر قىلغان دۆلەت مەخپىيىتى ياكى ئاخباراتىنى ئوغرىلاش، تىڭتىڭلاش، سېتىۋېلىش ياكى قانۇنسىز ھالدا بېرىش ۋە ياكى دۆلەت خادىملىرىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇترىتىش، ئازدۇرۇش، سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىدۈشمەنگە ھۇجۇم نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىش.باشقا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى.دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جاسۇسلۇق قىلمىشىدىن باشقا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش، جازالاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا پۇقرا، ئورگانلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ خادىملىرىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى، ئۆزىنىڭ خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، جاسۇسلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى كېرەك.پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلار جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ياكى ھەمكارلىشىشى كېرەك. جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلاشقانلىقتىن، ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپ ئىچىدە قالغان بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار جاسۇسلۇق قىلمىشىنى بايقىسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتارلىق باشقا دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلارغا مەلۇم قىلغانلىرىنى دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جاسۇسلۇق قىلمىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەن، ئىگىلىگەن، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغاندا، ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر رەت قىلماسلىقى، ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.ھەر قانداق پۇقرا ۋە تەشكىلاتلار ئۆزلىرى بىلىپ قالغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇشى خىزمىتىگە دائىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك.ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇشىغا بولمايدۇ.ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەخسۇس جاسۇسلۇق سايمانلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئىلىكىدە تۇتۇشىغا، ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. مەخسۇس جاسۇسلۇق سايمانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشكەن ياكى قانۇن بويىچە پاش قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلات دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قىلمىشى ۋە قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئالاقىدار تارماق پاكىتنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى ھوقۇقىدۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، ئالدىن سوراق قىلىش، قولغا ئېلىش خىزمەت ھوقۇقى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چېگرا سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشكە، ئالاقىدار تەشكىلات ياكى شەخسلەرنى تەكشۈرۈشكە، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقۇشقا ھوقۇقلۇق.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىپ، ئالاقىدار سورۇن ۋە ئورۇنلارغا كىرسە بولىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىرى بويىچە ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىپ كىرىشكە چەك قويۇلغان ئالاھىدە رايون، سورۇن، ئورۇنغا كىرىپ، ئالاقىدار ئارخىپ، ماتېرىيال ۋە بۇيۇملارنى كۆرسە ياكى ئالسا بولىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىپ ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا ئاۋال ئولتۇرسا، قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا ئاۋۋال يۈرسە بولىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئورگان، كارخان، تەشكىلات، كەسپىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ قاتناش قورالى، مەيدان ۋە ئىمارەتلىرىنى ئالدىن ئىشلەتسە ياكى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار خىزمەت سورۇنى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئورناتسا بولىدۇ، ۋەزىپە تاماملانغاندا ۋاقتىدا قايتۇرۇشى ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ھەق بېرىشى، زىيان كۆرۈلگەن بولسا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاسۇسلۇق قىلمىشىنى رازۋېدكا قىلىش ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، قەتئىي تۈردە تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەپ، تېخنىكىلىق رازۋېدكا تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ئالاقىدار تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئالاقە قوراللىرى، سايمانلىرى قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ. تەكشۈرۈشتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋال بارلىقى بايقالسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى تۈزەتكەندىن كېيىنمۇ تەلەپكە يەتكۈزمىگەنلىرىنى پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋال تۈگىتىلگەندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پېچەتنى، تۇتۇپ قېلىشنى ۋاقتىدا بېكار قىلىشى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، تاموژنا، چېگرا مۇداپىئەسى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا ئالاقىدار خادىم، ماتېرىيال ۋە سايمانلارنى تەكشۈرمەسلىك ھەققىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئالاقىدار تەكشۈرگۈچى ئورگانلار ياردەملىشىشى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاسۇسلۇققا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ۋە باشقا پۇل، مال شۇنىڭدەك جاسۇسلۇققا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىدىغان پۇل، سورۇن، ئەشيالارنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا، توڭلىتىپ قويسا بولىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكا مۇداپىئە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلسا، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان تارماقنى قەتئىي تۈردە تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەش ئارقىلىق، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرسە ۋە كۆزەتسە بولىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەتنى قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىشلىشى، خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانماسلىقى، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا ئېرىشكەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرى، ماتېرىياللىرىنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگىلا ئىشلىتىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە ۋە شەخسىي سىرغا كىرىدىغانلىرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

  • دۆلەت بىخەتەرلىكى سىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: تۈنۈگۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى ئومۇمىي خەلق دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كۈنى، شۇ كۈنى جايلار ۋە تارماقلار خەلق بىخەتەرلىكىنى باش مەقسەت قىلىش ئاساسى تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چۆرىدەپ، لېكسىيە سۆزلەش،كۆرگەزمە قىلىش، نومۇر كۆرسىتىش، قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق،ھەر خىل ئاساسى تېمىلىق تەشۋىقات تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات تەربىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەزمۇنى ۋە دائىرىسى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك مول بولۇپ، زامان ماكان ساھەسى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كەڭ بولدى، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىل تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇرەككەپ بولدى، ھەرقانداق بىر ساھەدە ئەگەر بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلۈپ، ئېغىرلاشسا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىشى، ئومۇمي خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يېتىشى مۇمكىن.دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت بىخەتەرلىكى خەۋپى ھەرقانداق چاغدا ئادەتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا يوشۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆپكىگە ئاسان كىرىپ كېتىدىغان دانىچىلار pm2.5 ئاساس قىلىنغان تۇمان تۈتەكلىك ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلدى، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا بىرقەدەر ئېغىر بولدى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە يۈز، ئىككى يۈز يىل كۆرۈلگەن مۇھىت مەسىلىسى دۆلىتىمىزدە مەركەزلىك كۆرۈلدى شۇنداقلا روشەن قۇرۇلمىلىق، بېسىلىشچانلىق، ئارىلاشما ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتى، شۇڭا ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تۈزۈم سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەت، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ــ خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى چوڭ ئىش، دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىدا:ئومۇمىي خەلق ۋە تەشكىلاتلار ئاساسى قانۇن، قانۇن بەلگىلىمىلەردىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى قوللاش، ماسلىشىش ھەرىكىتى قانۇن جەھەتتىن قوغدىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

  • دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چۈشىنەمسىز؟

    شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈزەل ماكانى، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يۇرتىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك.زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق، ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ھەممىسى چوقۇم يوقىتىلىدۇ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!بىزدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولغاچقا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق، بەختلىك، خۇشال–خۇرام ياشاۋاتىدۇ.(2015–يىل 12–ئاينىڭ 27–كۈنى 12 –نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى(36 – نومۇرلۇق)«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2015–يىل 12–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ2015–يىل 12–ئاينىڭ 27–كۈنىمۇندەرىجە1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ2 – باب تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىش3 – باب بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى4 – باب ئاخبارات– ئۇچۇر5 – باب تەكشۈرۈش6 – باب تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش7 – باب خەلقئارا ھەمكارلىق8 – باب كاپالەت تەدبىرى9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ1 – ماددا بۇ قانۇن تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال– مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.2 – ماددا دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويماقچى بولغان، يولغا قويغان، تېررورىزمنى تەرغىب قىلغان، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇتراتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىدۇ.دۆلەت ھەرقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلمايدۇ، ھەرقانداق تېررورچىنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا مۇساپىرلىق ئورنى بەرمەيدۇ.3 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورىزم زوراۋانلىق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ۋە مال – مۈلكىگە چېقىلىش ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى تېررورىزم خاراكتېرىنى ئالغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:(1) كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش، زور مال – مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلىش، جامائەت ئەسلىھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش، پىلانلاش، يولغا قويماقچى بولۇش، يولغا قويۇش ياكى شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇش؛(2) تېررورىزمنى تەرغىب قىلىش، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇترىتىش ياكى تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش، باشقىلارنى جامائەت سورۇنىدا تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا مەجبۇرلاش؛(3) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش؛(4) تېررورلۇق تەشكىلاتىغا، تېررورچىلارغا، تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىشقا ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەشكە ئۇچۇر، مەبلەغ، ئەشيا، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، سورۇن جەھەتلەردىن مەدەت بېرىش، ياردەم بېرىش، قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛(5) باشقا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى.بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچتىن ئارتۇق كىشى تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ئۈچۈن قۇرغان جىنايەت تەشكىلاتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورچىلار تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىدىغان ئادەم ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورلۇق ۋەقەسى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ياكى يۈز بەرگەن، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ پەيدا قىلغان ياكى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.4 – ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ۋە ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.دۆلەت دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش ياكى باشقا ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، تېررورىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يوقىتىدۇ.5 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى خىزمەت لۇشيەنىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە دۈشمەنگە ئاۋۋال قول سېلىش، تەشەببۇسكار بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.6 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ– ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى سەۋەب قىلىدىغان ھەرقانداق كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.7 – ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ.رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ تېرروزىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تېرروزىمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىقىدا ئۆز جايىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.8 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەيدۇ.جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزام، ھەربىي نىزامغا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھەمدە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئالاقىدار تارماقلار بىرلەشمە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كارخانا– كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تايىنىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق ئىشلىشى كېرەك.9 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار تېررورلۇق ھەرىكىتىنى گۇمان قىلغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارىنى بايقىغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.10 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پاش قىلىپ ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇنى توسۇشقا ياردەم بېرىپ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر شۇنىڭدەك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە باشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.11 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىنىڭ سىرتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە، پۇقرالارغا ياكى ئاپپاراتلارغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەن ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن، قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە كۆرسىتىلگەن تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.2 – باب تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىش12 – ماددا دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىدۇ، ئۇنى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلىدۇ.13 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دىپلوماتىيە تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتمەكچى بولسا، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.14 – ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا مۈلكىنى دەرھال توڭلىتىۋېتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.15 – ماددا بېكىتىلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلاردىن بېكىتمىگە قايىل بولمىغانلىرى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋاقتىدا قايتا تەكشۈرۈپ، بېكىتمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان قارار ئاخىرقى قارار بولىدۇ.دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بېكىتمىنى بىكار قىلغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان بولسا، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان چىقىرىدۇ؛ مەبلەغ، مال – مۈلۈك توڭلىتىۋېتىلگەن بولسا، توڭلىتىش بىكار قىلىنىدۇ.16 – ماددا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە بېكىتسە بولىدۇ. ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان چىقىرىدىغانلىرىغا مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.3 – باب بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى17 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مەكتەپ، ئالاقىدار كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى مائارىپ، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.ئاخبارات، رادىيو، تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، دىن، ئالاقە تورى ئورۇنلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق – تەربىيەسىنى جەمئىيەتتە قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.18 – ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن قانۇن بويىچە مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخنىكىلىق ئۇلاش ۋە شىفىر يېشىش قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك.19 – ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى بايقىغان ھامان يەتكۈزۈشنى توختىتىپ، ئالاقىدار خاتىرىنى ساقلاپ قويۇشى، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېلېگراف، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئالاقىدار تارماقلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا، ئۆچۈرۈشكە ۋاقتىدا بۇيرۇشى ياكى ئالاقىدار تور بېكىتىنى تاقىۋېتىشى، ئالاقىدار مۇلازىمەتنى توختىتىۋېتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ئىجرا قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ساقلاپ قويۇپ، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەك. ئالاقە تورىدا چېگرا ھالقىپ يەتكۈزۈلگەن تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى كېرەك.20 – ماددا تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، ھاۋا يولى يۈك تىرانسپورتى ۋە پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت تىجارىتى ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى، بەلگىلىمە بويىچە توشۇتىلىدىغان، ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى ياكى پېچىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. توشۇش، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ياكى خېرىدارلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان بۇيۇملارنى توشۇشقا، ئەۋەتىشكە بولمايدۇ.ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەشيا ئوبوروت تىجارىتى قىلغۇچى ئورۇنلار توشۇتقۇچى، ئەۋەتكۈچى خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى، بۇيۇمىنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.21 – ماددا تېلېگراف، ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە، ياتاق، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىجارىكەشلىكى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، مۇلازىمەت قىلغۇچىلار خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارغا مۇلازىمەت قىلسا بولمايدۇ.22 – ماددا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە مىلتىق قاتارلىق قورال– ياراغ، ئوق – دورا، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋابلار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇملارغا ئېلېكتىرونلۇق ئىزلاش بەلگىسى قويۇشى، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىغا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش بويىچە ئىزلاش بەلگىسىنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.تىرانسپورت ئورۇنلىرى بەلگىلىمە بويىچە توشۇلۇۋاتقان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇمنى توشۇيدىغان قوراللارنى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىشى كېرەك.ئالاقىدار ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلارنىڭ كېڭىيىشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن تارقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، مۇئەييەن رايون، مۇئەييەن ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىش، توشۇش، سېتىش، ئىشلىتىش، بىراك قىلىشنى باشقۇرۇشنى قارار قىلسا، نەق پۇل، نەق مال ئىشلىتىپ سودا قىلىشنى مەنئى قىلسا ياكى سودا پائالىيىتىگە باشقىچە چەك قويسا بولىدۇ.23 – ماددا مىلتىق قاتارلىق قورال– ياراغ، ئوق– دورا، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇم، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلار ئوغرىلىنىش، بۇلىنىش، يىتىپ كېتىش ياكى يوقاپ كېتىشتەك باشقا ئەھۋال كۆرۈلگەندە، دېلو سادىر بولغان ئورۇن دەرھال زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك.ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياسىسا، ئىشلەپچىقارسا، ساقلىسا، توشۇسا، ئىمپورت– ئېكسپورت قىلسا، ساتسا، بەرسە، سېتىۋالسا، ئىشلەتسە، ئىلكىدە تۇتسا، بىراك قىلسا، كۆيدۈرسە بولمايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بايقىسا تۇتۇپ قېلىشى؛ باشقا مەسئۇل تارماقلار بايقىسا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى؛ باشقا ئورۇنلار، شەخسلەر بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.24 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تېررورىزمغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلەرنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ۋاقىتلىق توڭلىتىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.25 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش، مالىيە، باج تارماقلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا مەبلەغنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالىدا تېررورىزمغا چېتىلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.26 – ماددا تاموژنا چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغانلارنىڭ يېنىدىكى نەق پۇل ۋە نامسىز ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا، تېررورىزمغا چېتىلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بايقىسا، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.27 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر– يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئاساسلىق يولغا، قاتناش تۈگۈنىگە، شەھەر ئاممىۋى رايونىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىنلىق ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، ماددىي مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى سەپلەشكە، ئورنىتىشقا تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.28 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلغان، ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، جامائەت تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان، باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ۋە مال – مۈلكىگە چېقىلغان، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى قىلغانلارنى ۋاقتىدا توسۇشى، قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىنى بايقىغان ھامان توختىتىشقا بۇيرۇشى، ئالاقىدار كىشىلەرنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىشى ھەمدە سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملىشى، مۇناسىۋەتلىك بۇيۇمى، ماتېرىيالىنى يىغىۋېلىشى، قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان سورۇنىنى پېچەتلىشى كېرەك.ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇم، ماتېرىيال، ئۇچۇرنى بايقىغان ھامان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.29 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتكەن، مەجبۇرلىغان، ئازدۇرغانلاردىن ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، ئىشلەيدىغان ئورنى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئائىلىسى ۋە ۋەسىيىسىنى تەشكىللەپ تەربىيە بېرىشى كېرەك.تۈرمە، قاماقخانا، مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتلىرى تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەش، ئوڭشاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تۈرمە، قاماقخانا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى بىلەن بىللە قامىسىمۇ، ئايرىم قامىسىمۇ بولىدۇ.30 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلگەنلەر بولسا، تۈرمە، قاماقخانا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ جىنايەت خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپ دەرىجىسى، جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىپادىسى، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي خەۋپنى باھالىشى كېرەك. ئىجتىمائىي خەۋپنى باھالاشتا، مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئەسلىي دېلو بېجىرگەن ئورگاننىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. باھالاش ئارقىلىق ئىجتىمائىي خەۋپ بارلىقى بايقالسا، تۈرمە، قاماقخانا جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش– تەربىيەلەش تەكلىپى بېرىشى ھەمدە تەكلىپنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىشى كېرەك.جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقىقەتەن ئىجتىمائىي خەۋپى بار جىنايەتچىنى جىنايەتچى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش قارارىنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى چىقىرىشى كېرەك. قارارنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەش قارارى چىقىرىلغانلاردىن قارارغا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەشنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەش ئاپپاراتى ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان – تەربىيەلىنىدىغانلارنى باھالاپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغان، جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەشنى بىكار قىلىش پىكرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەشنى قارار قىلغان ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارار چىقىرىشىغا يوللىشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەشنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش – تەربىيەلەش قارارىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ.31 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى چوڭراق شۇنىڭدەك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا زور جىسمانىي تالاپەت، مال – مۈلۈك زىيىنى ياكى ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئورۇن، سورۇن، پائالىيەت، ئەسلىھە قاتارلىقلارنى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلايدىغان نۇقتىلىق نىشان قىلىپ بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.32 – ماددا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:(1) تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، تەدبىرىنى تۈزۈپ، قەرەللىك تەربىيەلەش ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش؛(2) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە مەخسۇس خىراجەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇداپىئەلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى سەپلەش، يېڭىلاش؛(3) ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى بېكىتىپ ياكى مەسئۇل خادىم بەلگىلەپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛(4) خەۋپنى باھالاپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، ئىچكى قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىش.نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 27 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى تەڭ لايىھەلىشى، تەڭ قۇرۇشى، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈشى كېرەك.نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىپ كۆزىتىش، ئۇچۇرلارنى ساقلاش، ئىشلىتىش، سىستېمىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار سىستېمىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. توپلانغان سىنلىق ئۇچۇرنى ساقلاش مۇددىتى 90 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.نۇقتىلىق نىشاندىن باشقا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان باشقا ئورۇن، سورۇن، پائالىيەت، ئەسلىھەنى مەسئۇل تارماق ۋە باشقۇرغۇچى ئورۇنلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.33 – ماددا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن مۇھىم ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى خەۋپسىزلىك بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ ئىش ئورنىنى تەڭشىشى ۋە ئالاقىدار ئەھۋالنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.34 – ماددا چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن، شۇنىڭدەك نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇن، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، پىرىستان، شەھەر رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، چېگرا پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق نىشانلارغا كىرىدىغان كىشىلەر، بۇيۇملار ۋە قاتناش قوراللىرىنى خەۋپسىزلىك بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. چەكلەنگەن بۇيۇم ۋە تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇمنى بايقىسا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى بايقىغان ھامان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.35 – ماددا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى، پويىز، كېمە – پاراخوت، شەھەر رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىسى، ئاممىۋى تىرامۋاي، ئاپتوبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرىغا تىرانسپورت تىجارىتى قىلغۇچى ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى قويۇشى ۋە مۇناسىپ ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.36 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نۇقتىلىق نىشاننىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە مۇھىم ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە نۇقتىلىق نىشاننى مۇھاپىزەت قىلىشى، چارلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.37 – ماددا ئۇچۇشنى تىزگىنلەش تارمىقى، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە ھاۋا تەۋەلىكى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى ۋە ئۇچۇش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى ياكى ئۇچۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك.38 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار مۇھىم دۆلەت چېگراسى (چېگرا) بۆلەكلىرى ۋە پورتلاردا توسۇش – ئايرىش تورى ئورنىتىش، سىن توپلاش ۋە چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)نى چارلاشنى پۇختا تەشكىللىشى، دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن كىرگەن، ئايرىلغان، دۆلەت چېگراسى (چېگرا) باشقۇرۇش رايونى ۋە دۆلەت چېگراسى (چېگرا) ئۆتىڭى، پورتىدىن كىرىدىغان، چىقىدىغان كىشىلەر، قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى، بۇيۇملار شۇنىڭدەك دېڭىز بويى چېگرا رايونلاردىكى كېمە – پاراخوتلارنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.39 – ماددا چېگرادىن چىقىش – كىرىش كىنىشكىسىنى بەرگۈچى ئورگان ۋە چېگرادىن چىقىش – كىرىشنى تەكشۈرگۈچى ئورگان تېررورچىلارنى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرىنى چېگرادىن چىقارماسلىق، كىرگۈزمەسلىكىنى قارار قىلىشقا، چېگرادىن چىقىش – كىرىش كىنىشكىسى بەرمەسلىككە ياكى ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىش – كىرىش كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاشقا ھوقۇقلۇق.40 – ماددا تاموژنا، چېگرادىن چىقىش – كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرىنى ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇمانى بار بۇيۇمنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.پىرىيوم – كارانتىن ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇمانى بار بۇيۇمنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.41 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات – ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا، ساياھەت تارمىقى مەسئۇل تارماقلىرى چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ ھەمكارلىقى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئىشلاردا بىخەتەرلىك خەۋپىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگونىڭ چېگرا سىرتىدىكى پۇقرالىرى شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى، ئەسلىھەلىرى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.42 – ماددا چېگرا سىرتىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش تۈزۈمى ۋە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خادىم، ئەسلىھە ۋە مال – مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك.4 – باب ئاخبارات – ئۇچۇر43 – ماددا دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى قۇرۇپ، تارماق، رايون ھالقىغان ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ.ئالاقىدار تارماقلار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات – ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، توپلانغان ئالاقىدار يىپ ئۇچى، ئادەم، ھەرىكەت تۈرىدىكى ئاخبارات – ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش تۈرگە ئايرىپ، دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزىگە ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.جايلاردىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى تارماق ھالقىغان ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى، مۇھىم ئاخبارات – ئۇچۇرلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، باشقا جايلارغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئاخبارات – ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.44 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاممىغا تاينىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.45 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ھەربىي ئورگانلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات – ئۇچۇر خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، قاتتىق تەستىق رەسمىيىتىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تېخنىكىلىق رازۋېدكا تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش ۋە سوت قىلىشقىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.46 – ماددا ئالاقىدار تارماقلار مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – بابىدا بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى خىزمىتىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.47 – ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى، جايلاردىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات – ئۇچۇرلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تاللاپ، ئېنىقلاپ، نازارەت قىلىپ، تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىش خەۋپى بار، بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر دەپ قارىسا، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا بىنائەن، بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.48 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شەخسلەر تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتنى ساقلىشى كېرەك.بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.5 – باب تەكشۈرۈش49 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ياكى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى بايقاپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كەلگەنلىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈشى كېرەك.50 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە گۇماندارنى سوراق قىلسا، تەكشۈرسە، چاقىرتسا بولىدۇ، سۈرەت، بارماق ئىزى، كۆز رەڭدار پەردە سۈرىتى قاتارلىق ئادەم بىئولوگىيەسىنى پەرق ئېتىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە قان، سۈيدۈك، تۆكۈلمە ھۈجەيرە قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلەرنى ئالسا ياكى يىغسا بولىدۇ ھەمدە ئىمزا قويدۇرۇپ ساقلايدۇ.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدا ياكى باشقا جايدا سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.51 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ياكى شەخسلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى يىغىشقا، ئالدۇرۇپ كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەر ئەينەن بېرىشى كېرەك.52 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، گۇماندارنىڭ ئامانىتى، پېرېۋوتى، قەرزى، پاي چېكى، فوند ئۈلۈشى قاتارلىق مال – مۈلكىنى سۈرۈشتۈرسە، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىپ قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش مۆھلىتى ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، بىر ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.53 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارىنى تۆۋەندىكى بىر ياكى بىرقانچە چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ:(1) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز شۇ شەھەر، ناھىيە ياكى بېكىتىلگەن تۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلماسلىق؛(2) چوڭ – چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ياكى مۇئەييەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا چىقماسلىق ياكى مۇئەييەن سورۇنغا كىرمەسلىك؛(4) مۇئەييەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەسلىك ياكى ئالاقىلەشمەسلىك؛(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىش؛(6) پاسپورت قاتارلىق چېگرادىن كىرىش – چىقىش گۇۋاھنامىسىنى، كىملىكىنى، ھەيدەش كىنىشكىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇش.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىش، قەرەلسىز تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.يۇقىرىقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىلغان چەكلەش تەدبىرىنىڭ مۆھلىتى ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. داۋاملىق قوللىنىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان چەكلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.54 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت پاكىتى ياكى جىنايەت گۇماندارىنى بايقىغان بولسا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى كېرەك. مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك مۆھلەت توشقاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىگەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك.6 – باب تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش55 – ماددا دۆلەت تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىدىن بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى شۇنىڭدەك ۋەقەدىن كېيىن ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كونكرېت بېكىتىشى كېرەك.ئالاقىدار تارماقلار شۇنىڭدەك جايلاردىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.56 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلار قاتناشقان قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، باش قوماندان مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى باش قوماندان بولسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ياكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ باشقا ئەزا ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلى باش قوماندان قىلىپ بېكىتىلسىمۇ بولىدۇ.ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى ياكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى قوماندانلىق قىلىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدە يۈز بەرگەن، كۆپ مەمۇرىي رايونغا چېتىلىدىغان تېررورلۇق ۋەقەسى ياكى چوڭ تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى قوماندانلىق قىلىدۇ.57 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، باش قومانداننى بېكىتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى، خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە باش قومانداننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، قوماندانلىقىدا زەربە بېرىش، تىزگىنلەش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق نەق مەيداندا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ.يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنى يۆتكەپ ياردەم بېرىدۇ.جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بېكىتىدۇ.58 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى ياكى گۇمانلىق تېررورلۇق ۋەقەسىنى بايقىغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى ھەم تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىۋاتقانلارنى بايقىغان ھامان تىزگىنلىشى ھەم دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى باش قومانداننى تېخى بېكىتمىگەن بولسا، ۋەقەنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمى نەق مەيداندا قوماندان بولسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نەق مەيدانغا كېلىپ بولالمىغان بولسا، ۋەقەنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىۋاتقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ياكى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمى نەق مەيداندا قوماندان بولسا بولىدۇ. نەق مەيداندا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقان خادىملار ئوخشاش ئورۇن ۋە سىستېمىغا تەۋە بولۇش– بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، نەق مەيداندىكى قومانداننىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك.باش قوماندان بېكىتىلگەندىن كېيىن، نەق مەيدان قوماندانى ئۇنىڭدىن يوليورۇق سورىشى، خىزمەتلەرنى ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشى كېرەك.59 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرى، مۇھىم ئەسلىھەلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا ياكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، سودا، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساياھەت، قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ دىپلوماتىيە تارمىقى ئالاقىدار دۆلەتلەرنى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشقا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرى، مۇھىم ئەسلىھەلىرى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرىنى چېگرا سىرتىدىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتسە بولىدۇ.60 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ خەۋپىگە ۋە تەھدىتىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغانلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ئاۋۋال قوغداش كېرەك.61 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇننىڭ تۆۋەندىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى قوللىنىشىنى قارار قىلسا بولىدۇ:(1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالىتىش، تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، چېكىندۈرۈش ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛(2) نەق مەيداننى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنى قامال قىلىپ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش، ئالاقىدار سورۇنلارنىڭ ئەتراپىغا ۋاقىتلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىش؛(3) مۇئەييەن رايون دائىرىسىدە ھاۋا تەۋەلىكى، دېڭىز (سۇ) تەۋەلىكىنى تىزگىنلەپ، مۇئەييەن رايون دائىرىسىدىكى قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرىنى تەكشۈرۈش؛(4) مۇئەييەن رايوندا ئالاقە تورى، رادىيو، خەت – ئالاقىنى تىزگىنلەش؛(5) مۇئەييەن رايون ياكى مۇئەييەن خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىشىنى تىزگىنلەش؛(6) ئالاقىدار ئۈسكۈنە، ئەسلىھەنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش، ئالاقىدار سورۇننى تاقاش ياكى ئىشلىتىشكە چەك قويۇش، ئادەم زىچ توپلاشقان پائالىيەتنى ياكى خەۋپنى چوڭايتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش؛(7) بۇزۇۋېتىلگەن قاتناش، تېلېگراف، ئالاقە تورى، رادىيو– تېلېۋېزىيە، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش، توك، گاز ۋە پار بېرىش قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش؛(8) پىدائىيلارنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇش، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقى بارلاردىن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛(9) تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر.ئالدىنقى تارماقنىڭ 3 – تارماقچىسىدىن 5 – تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ياكى تەستىقلايدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 6 – تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ. تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشتا تەتبىقلاشنىڭ زامان ۋە ماكان دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.62 – ماددا خەلق ساقچىسى، خەلق قوراللىق ساقچىسى شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن، قورال ئېلىپ يۈرىدىغان تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغۇچىلار نەق مەيداندا مىلتىق، پىچاق قاتارلىق قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرگەن ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن زوراۋانلىق قىلىۋاتقان ياكى زوراۋانلىق قىلماقچى بولغانلاردىن ئاگاھلاندۇرسىمۇ پەرۋا قىلمىغانلىرىغا قورال ئىشلەتسە بولىدۇ؛ جىددىي ئەھۋالدا ياكى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىنمۇ ئېغىر خەۋپلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغانلىرىغا بىۋاسىتە قورال ئىشلەتسە بولىدۇ.63 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىش ئەھۋالىنى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسلەر ساختا تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ چىقسا ياكى تارقاتسا بولمايدۇ؛ تەقلىد قىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلسا، تارقاتسا بولمايدۇ؛ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلسا بولمايدۇ؛ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچۇر ئېلان قىلىشقا مەسئۇل تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نەق مەيداندىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىنىڭ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى ئەھۋالىنى خەۋەر قىلسا ۋە تارقاتسا بولمايدۇ.64 – ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، تەسىرگە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، تەسىرگە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەك.65 – ماددا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق– تۇغقانلىرىغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى ھەمدە ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىدىن مەھرۇم بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ۋاقتىدا كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. سەھىيە، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار تېررورلۇق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا پىسخىكا ۋە داۋالاش جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك.66 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېررورلۇق ۋەقەسىنى ۋاقتىدا دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى، جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئېنىقلىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.67 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، خۇلاسىلەپ، باھالاپ، مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر دەرىجە يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.7 – باب خەلقئارا ھەمكارلىق68 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا بىنائەن، باشقا دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.69 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات بىلەن تېررورىزمغا قارشى سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ئاخبارات – ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىدۇ ۋە خەلقئارا مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ھەمكارلىشىدۇ.چېگرا رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ كەلمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، گوۋۇيۈەن ياكى مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، قوشنا دۆلەت ياكى رايون بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات – ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرسا، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە ھەمكارلاشسا ۋە خەلقئارا مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ھەمكارلاشسا بولىدۇ.70 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتىگە چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.71 – ماددا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەم گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى چېگرادىن چىقىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئادەم ئەۋەتسە بولىدۇ.جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئادەم چىقىرىش ئىشىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەستىقلايدۇ.72 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى مەمۇرىي جازا بېرىش ۋە جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا دەلىل – ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن دۆلىتىمىز دەلىل – ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.8 – باب كاپالەت تەدبىرى73 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىش ھوقۇقى بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەت خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا ئايرىم – ئايرىم كىرگۈزۈشى كېرەك.دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنى خىراجەت جەھەتتىن قوللاپ، كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى خىراجەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.74 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار شۇنىڭدەك جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، تېررورىزمغا قارشى تۇرىدىغان كەسپىي قوشۇن بەرپا قىلىپ، كەسپىي مەشىقنى كۈچەيتىشى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا كېرەكلىك كەسپىي ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى كېرەك.ناھىيە دەرىجىلىك، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ئالاقىدار ئورۇن، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرىنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى كۈچلىرى ۋە پىدائىيلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىشى، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.75 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىپ، ماسلىشىش سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.76 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش ۋە توسۇش، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەت دېلوسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ياكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبىدىن، شۇ كىشى ياكى ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچراپ، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئىلتىماس قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تۆۋەندىكى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى قوللانسا بولىدۇ:(1) ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى ۋە خىزمەت ئورنى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق؛(2) مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ قوغدالغۇچى كىشى بىلەن ئۇچرىشىشىنى مەنئى قىلىش؛(3) ئۆزىنى ۋە تۇرالغۇسىنى مەخسۇس قوغداش؛(4) قوغدالغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يېڭى تۇرالغۇ ۋە خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش؛(5) باشقا زۆرۈز قوغداش تەدبىرلىرى.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، قوغدىلىۋاتقان ئورۇننىڭ ھەقىقىي نامى، ئادرېسىنى ئاشكارىلىماسلىقى، مۇئەييەن كىشىنىڭ قوغدىلىۋاتقان ئورۇنغا يېقىنلىشىشىنى مەنئى قىلىشى، قوغدىلىۋاتقان ئورۇننىڭ خىزمەت، تىجارەت سورۇنىنى مەخسۇس قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى شۇنىڭدەك باشقا زۆرۈر قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.77 – ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش پەن تەتقىقاتىغا ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنى يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.78 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللق ساقچى قىسىمى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىش جىددىي ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مال – مۈلكىنى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ھەق بېرىشى كېرەك؛ زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سەۋەبىدىن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىشى ۋە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىس قانۇن بويىچە تۆلەم، تولۇقلىما تەلەپ قىلسا بولىدۇ.9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى79 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويماقچى بولغان، يولغا قويغان، تېررورىزمنى تەرغىب قىلغان، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇتراتقان، تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇمنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، باشقىلارنى جامائەت سورۇنلىرىدا تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا زورلىغان، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا، تېررورچىلارغا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قىلىشقا ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەش جەھەتتە ياردەم بەرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.80 – ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:(1) تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قۇترىتىش؛(2) تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى ياساش، تارقىتىش، قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش؛(3) جامائەت سورۇنىدا باشقىلارنى تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا زورلاش؛(4) تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىشنى ياكى تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئۇچۇر، مەبلەغ، ئەشيا، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، سورۇن قاتارلىقلار بىلەن قوللاش، ياردەم بېرىش، قولايلىق يارىتىش.81 – ماددا ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:(1) باشقىلارنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا زورلاش ياكى باشقىلارنى دىنىي سورۇنغا، دىن ئۆگەتكۈچىگە پۇل – مال ياكى ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا زورلاش؛(2) قورقىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، باشقا مىللەتلەرنى ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ھەيدىۋېتىش؛(3) قورقىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ باشقا مىللەت ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىشىغا، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئارىلىشىۋېلىش؛(4) قورقىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئۇسۇلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ئارىلىشىۋېلىش؛(5) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛(6) دۆلەتنىڭ سىياسىتى، قانۇنى، مەمۇرىي نىزاملىرىنى بۇرمىلاش، خۇنۈكلەشتۈرۈش، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى توسۇشقا قۇترىتىش، كۈشكۈرتۈش؛(7) ئاممىنى ئاھالىنىڭ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامىلەرنى شۇنىڭدەك خەلق پۇلىنى نابۇت قىلىۋېتىشكە ياكى قەستەن نابۇت قىلىۋېتىشكە قۇترىتىش، مەجبۇرلاش؛(8) باشقىلارنى نىكاھلىنىش، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىشنىڭ ئورنىغا دىنىي مۇراسىم ئۇسۇلىنى دەسسىتىشكە قۇترىتىش، مەجبۇرلاش؛(9) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلماسلىققا قۇترىتىش، مەجبۇرلاش؛(10) ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇن – تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.82 – ماددا باشقىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى يوشۇرغان، قانات ئاستىغا ئالغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ياكى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالغاندا رەت قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.83 – ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا مال– مۈلكىنى دەرھال توڭلىتىۋەتمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە جاۋابكار مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.84 – ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە مەسئۇل تارماق 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ:(1) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن قانۇن بويىچە مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشىنى تېخنىكىلىق ئۇلاش ۋە شىفىر يېشىش قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە ياردەم بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛(2) تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى توختىتىش، ئۆچۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ساقلاش، مۇناسىۋەتلىك تور بېكىتىنى تاقاش ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى توختىتىشتا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛(3) تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.85 – ماددا تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، ھاۋا يولى يۈك تىرانسپورتى ۋە پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت تىجارىتى ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە مەسئۇل تارماق 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:(1) بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ياكى توشۇتىلىدىغان، ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ياكى پېچىتىنى ئېچىپ كۆرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛(2) توشۇش، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ياكى خېرىدارلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان بۇيۇملارنى توشۇغان، يەتكۈزگەنلەر؛(3) توشۇتقۇچى، ئەۋەتكۈچى خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى، بۇيۇم ئۇچۇرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغانلار.86 – ماددا تېلېگراف، ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە كەسپى تىجارەتچىلىرى ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلاردىن خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارغا مۇلازىمەت قىلغانلىرىنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.ياتاق، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىجارىكەشلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرىگە مەسئۇل تارماق 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.87 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مەسئۇل تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:(1) مىلتىق قاتارلىق قورال – ياراغ، ئوق – دورا، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇمغا ئېلېكتىرونلۇق ئىزلاش بەلگىسى ئورناتقان، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىغا ئىزلاش بەلگە بۇيۇمنى قوشۇپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛(2) خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇمنى توشۇش قوراللىرىنى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛(3) يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛(4) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قارارى بىلەن، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى تىزگىنلەش ياكى سودىسىغا چەك قويۇش تەدبىرىگە خىلاپ ئىش قىلغانلار.88 – ماددا تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەم تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:(1) تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، تەدبىرى تۈزمىگەنلەر؛(2) تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەخسۇس خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئورناتمىغان ياكى ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتمىغانلار؛(3) خىزمەت ئاپپاراتى ياكى مەسئۇل خادىملارنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛(4) مۇھىم ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ ئىش ئورنىنى تەڭشىمىگەنلەر؛(5) ئاممىۋى قاتناش تىرانسپورت قوراللىرىغا ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم قويۇشتا ۋە مۇناسىپ ئەسلىھە، ئۈسكۈنە سەپلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛(6) جامائەت خەۋپسىزلىكى سىن ئۇچۇر سىستېمىسىنى نۆۋەتچىلىك قىلىپ كۆزىتىش، ئۇچۇرلارنى ساقلاش، ئىشلىتىش، سىستېمىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغانلار.چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن شۇنىڭدەك نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇن، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، پىرېستان، شەھەر رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، چېگرا پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق نىشانلارغا كىرىدىغان كىشىلەر، بۇيۇملار ۋە قاتناش قوراللىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.89 – ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چۈشۈرگەن چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.90 – ماددا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ساختا تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇچۇرىنى توقۇغان، تارقاتقان، تەقلىد قىلىش ئىھتېمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ۋە ئۇنى تارقاتقان، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىكى ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ نەق مەيداندىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغۇچىلار، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغان، تارقاتقانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.91 – ماددا ئالاقىدار تارماقلاردىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، ئاخبارات – ئۇچۇر يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماسلاشماي تۇرۇۋالغانلارغا مەسئۇل تارماق 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارماق 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.92 – ماددا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.خەلق ساقچىسى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.93 – ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارماق ئالاقىدار كەسپىنى ياكى مۇلازىمىتىنى توختىتىشقا ۋە ياكى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرىنى بىكار قىلىدۇ ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ.94 – ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويۇشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئالاقىدار تارماققا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماق پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.95 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پىچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىۋېتىلگەن، ئېلىپ قېلىنغان، يىغىۋېلىنغان بۇيۇم ۋە مەبلەغ قاتارلىقلارنىڭ تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولسا، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىپ قايتۇرۇش كېرەك.96 – ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ97 – ماددا بۇ قانۇن 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2011 – يىل 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 – يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› بىكار قىلىنىدۇ.(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

  • شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى قۇرايلى» ناملىق ماقالىسى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-ئومۇمىي خەلق دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيە كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، 14-ئاپرېل «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى پۇختا قۇرايلى» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: 15-ئاپرېل 2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كۈنى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئومۇمىي خەلق دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيە كۈنىنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاش-بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. دۆلەت بىخەتەرلىكى-دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، خاتىرجەملىكىنىڭ ئاساسى، جۇڭگو سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئومۇملۇقنى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى ۋە ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈردى. مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى قۇرۇلغاندىن يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشقىچە، ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشتىن دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىشقىچە بولغان بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېتەكچى ئىدىيە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسى پۇختىلىنىپ، خىزمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: نۆۋەتتە، تاشقى مۇھىتتا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيمەكتە، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مۇرەككەپ بولۇپ، نۇرغۇن زىددىيەتلەر گىرەلىشىش، يوشۇرۇن خېيىم-خەتەر كۆپىيىشتىن ئىبارەت كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئېلىمىز دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بېيىدى، ماكان-زامان ساھەسى تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ كېڭەيدى، ئىچكى، تاشقى ئامىللار تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ مۇرەككەپلەشتى. بىز پەقەت ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى باش مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە دۆلەت بىخەتەرلىكى يولىدا ماڭساقلا، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا كاپالەت ھازىرلاپ بېرەلەيمىز.ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن پۇقرالار زىچ مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە ئادەم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پەقەت ھەر بىر ئادەم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، مۇستەھكەم پولات سېپىل بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خېيىم-خەتەرلىرىنى تۈگەتكىلى ھەم ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىپ، بىرلىكتە تېرىشىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم خەلق مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرەيلى!

  • دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا پۇقرالارنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟

    ھەربىر پۇقرانىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مەجبۇرىيىتى بار!ھەربىر پۇقرا چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر بىرلىكتە ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.«دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ‐ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پەقەت دۆلەت بىخەتەر ۋە جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەسىس قىلىنغاندا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى 1-دەرىجىلىك چوڭ ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا سىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟دۆلەت خەۋپسىزلىكى ‐ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ بەخت–سائادىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇھىم مەنپەئىتى نىسپىي ھالدا خەۋپ–خەتەرگە ۋە ئىچكى–تاشقى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ھالەتنى ساقلاش، خەۋپسىز ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» قايسى ساھەلەرگە چېتىلىدۇ؟ ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟

  • دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى: جاسۇسلۇققا قانداق قارشى تۇرۇش كېرەك؟

    «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ‐ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پەقەت دۆلەت بىخەتەر ۋە جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەسىس قىلىنغاندا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى 1-دەرىجىلىك چوڭ ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا سىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئېلىمىز ھازىر قانداق بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟دۆلەت خەۋپسىزلىكى ‐ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ بەخت–سائادىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇھىم مەنپەئىتى نىسپىي ھالدا خەۋپ–خەتەرگە ۋە ئىچكى–تاشقى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ھالەتنى ساقلاش، خەۋپسىز ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.ئېلىمىز ھازىر تۆۋەندىكىدەك مۇرەككەپ بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ:ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكياننى «قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستىراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇۋاتىدۇ.دۆلەت ئىچىدە دۈشمەن كۈچلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە يەنىلا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىتى باسقۇچ خاراكتېرلىق جىددىيلەشتى.ياپونىيەنىڭ يېڭى ئامانلىق ساقلاش قانۇن لاھىيەسى قاتارلىق ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىك سىياسىتىنىڭ تەھدىتى.دېڭىز يۈزىدىكى ئاز ساندىكى قوشنا دۆلەتلەر دۆلىتمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.زور ۋە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە كېسەللىك-يۇقۇم ئەھۋالى تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن.چېگرا سىرتىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى، ئىستىراتېگىيەلىك ئۆتۈشمە يوللار، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، خادىملار ۋە بايلىق قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى گەۋدىلىكلەشتى.مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» قايسى ساھەلەرگە چېتىلىدۇ؟ ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق زۆرۈر قوغدىنىش ۋە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قۇرۇقلۇق تەۋەلىكى، ئىچكى سۇ تەۋەلىكى، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز–ئوكيان ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.دۆلەت ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ، ياخشى ياشاش، تەرەققىي قىلىش شارائىتى ۋە خاتىرجەم ئىشلەش، تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىنىڭ، مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.دۆلەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ۋە مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك خەۋپ-خەتىرىدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىدۇ، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ياشىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي مۇھىت، شارائىتنىڭ تەھدىتكە ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.دۆلەت بىخەتەرلىكىدە، سىز ۋە مەندىن ئىبارەت ھەممەيلەن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرمىز، لېكىن يەنە شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى يەنىلا ئادەم كۈچى ۋە ھەر خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.جاسۇسلۇققا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟بۇ يەردە دېيىلگەن جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئېلىپ بارغان ياكى باشقىلارغا كۆرسەتمە ۋە ماددىي ياردەم بېرىپ، ۋە ياكى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئۇنىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.دۆلەت جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى قوغدايدۇ، مۇھىم ۋە زور تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلايدۇ. پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە قولايلىق تۇغدۇرۇشى ياكى باشقا ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك.جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشتە، ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغانلىرىغا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى بايقىغاندا، ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ياكى يىپ ئۇچىنى پاش قىلىش تېلېفونى: 12339جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قاتارلىق باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلارغا مەلۇم قىلىنسا، ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلار دەرھال دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەشكە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغاندا، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك، رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى يولغا قويغانلاردىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بارلار يىنىك، يىنىكلىتىپ جازالىنىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ.تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتى ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن بىۋاسىتە ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەينەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەنلەر ھەمدە توۋا قىلىش ئىپادىسى بارلار سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ.باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغاندا تەمىنلەشنى رەت قىلغانلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلار جازالايدۇ، ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 15 كۈندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.گەرچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى ھەر يىلى پەقەت بىر كۈن بولسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەر ۋاقىت يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. ئۇ خەلق تۇرمۇشىغا، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم دۆلەتنىڭ، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى. دۆلەت بىخەتەرلىك ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ھەمدە ئاممىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى قىلىش كېرەك.

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى.

    ھەربىر پۇقرانىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مەجبۇرىيىتى بار!!!ھەربىر پۇقرا چوقۇم:ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر بىرلىكتە ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.دۆلەت بىخەتەرلىكى جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قۇيۇڭ!!دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىق دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرىدىغان ھەرخىل قىلمىشلارنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، تېزدىن پاش قىلىڭ!!!تېلفون نومۇرى: 12339 غا تېلفون قىلىڭ.دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىنىچ-ئامان، ئىناق-ئىتتىپاق تەرەققىي قىلىشىغا بىركىشىلىك كۈچ قوشايلى!!!جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلغان قانۇن.2015–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا يىڭىدىن تۈزۈلگەن دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ماقۇللاندى . دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-نۇمۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ ئىلان قىلدى.بۇ قانۇندا سىياسى بىخەتەرلىك،دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىكى،ھەربى بىخەتەرلىكى،مەدىنىيەت بىخەتەلىكى،پەن-تىخىنىكا بىخەتەرلىكى قاتارلىق 11 ساھەدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋەزىپىسىگە قارىتا ئىنىق ئىزاھلاش ئىلىپ بىرىلغان ، جەمئى 7 باب، 84ماددا بولۇپ ، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى(2015-يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللاندى)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى29-نومۇرلۇق«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» 2015–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ2015-يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنىمۇندەرىجە1-باب، ئومۇمىي پىرىنسىپ2-باب، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى3-باب، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى4-باب، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈمى1 -پاراگراف، ئادەتتىكى بەلگىلىمە2 -پاراگراف، ئاخبارات–ئۇچۇرى3 -پاراگراف، خەۋپ–خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، باھالاش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش4 -پاراگراف، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش5 -پاراگراف، كىرزىسنى تىزگىنلەش5-باب، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالىتى6-باب، پۇقرالار ، تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى7-باب، قوشۇمچە پىرىنسىپ1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ1-ماددا، بۇ قانۇن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.2-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ بەخت–سائادىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇھىم مەنپەئىتى نىسپىي ھالدا خەۋپ–خەتەرگە ۋە ئىچكى–تاشقى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ھالەتنى ساقلاش، خەۋپسىز ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.3-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى نېگىز، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكنى ئاساس، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەت، خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تايانچ قىلىش، ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىش كېرەك.4-ماددا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن، ئۈنۈملۈك، نوپۇزغا ئىگە دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.5-ماددا، مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى بەلگىلەشكە ۋە ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە ئالاقىدار چوڭ – چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزىدۇ، يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر چوڭ–چوڭ ئىشلار ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.6-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، خەلقئارا ۋە ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك سىياسىتى، خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.7-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.8-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئىچكى خەۋپسىزلىك بىلەن تاشقى خەۋپسىزلىكنى، زېمىن خەۋپسىزلىكى بىلەن پۇقرالار خەۋپسىزلىكىنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكى بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك.9-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش ۋە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ئورگان ۋە باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.10-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپسىزلىكنى قوغداش توغرىسىدا چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كېرەك.11-ماددا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيە ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېقىلىشقا ۋە ئۇنى پارچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى.12-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى دۆلەت تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.13-ماددا، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر پائالىيەتلەردە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.14-ماددا، ھەر يىلى 4–ئاينىڭ 15–كۈنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى بولىدۇ.2-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى15-ماددا، دۆلەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆز–ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.دۆلەت دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش، توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ياكى خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەرقاندىقىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ دۆلەت مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش، ئاشكارىلاش قىلمىشى قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.16-ماددا، دۆلەت ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ، ياخشى ياشاش، تەرەققىي قىلىش شارائىتى ۋە خاتىرجەم ئىشلەش، تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىنىڭ، مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.17-ماددا، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق زۆرۈر قوغدىنىش ۋە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قۇرۇقلۇق تەۋەلىكى، ئىچكى سۇ تەۋەلىكى، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز–ئوكيان ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.18-ماددا، دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قوراللىق كۈچ بەرپا قىلىدۇ؛ ھەربىي ئىشلاردا پائال مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، قوراللىق ئاغدۇرمىچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى توسىدۇ؛ خەلقئارا ھەربىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش، خەلقئارا قۇتقۇزۇش ۋە دېڭىزدا مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتىنى قوغداش ھەربىي ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ.19-ماددا، دۆلەت دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش تۈزۈمىنى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەر، نۇقتىلىق كەسىپلەر، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر، چوڭ–چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، شۇنىڭدەك باشقا زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.20-ماددا، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتەرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ ۋە ئۇنى پەسەيتىدۇ، سىرتقى پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرى زەربىسىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ.21-ماددا، دۆلەت بايلىق ۋە ئېنېرگىيەدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنى ئېچىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ۋە ئېنېرگىيە زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق ۋە ئېنېرگىيە توشۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يول قۇرۇلۇشىنى ۋە بىخەتەر قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، خەلقئارا بايلىق ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېھتىياجلىق بولغان بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنى سىجىل، ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ بېرىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.22-ماددا، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى، ئوبوروت سىستېمىسى ۋە بازار ئارقىلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بويىچە سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تەمىناتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.23-ماددا، دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلغار مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ناچار مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.24-ماددا، دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ۋە مۇھىم ساھەلەردىكى يادرولۇق، ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش، قوغداش ۋە پەن–تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.25-ماددا، دۆلەت تور ۋە ئۇچۇر خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تور ۋە ئۇچۇر خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تور ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، تور ۋە يادرولۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى شۇنىڭدەك سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى بويىچە كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تورغا ھۇجۇم قىلىش، تورغا بېسىپ كىرىش، تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، قانۇنغا خىلاپ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قاتارلىق توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى توسۇپ ۋە قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.26-ماددا، دۆلەت مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باپباۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى توسۇپ ۋە قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.27-ماددا، دۆلەت پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، دىنلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ. چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ چېگرا ئىچىدىكى دىن ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، نورمال دىنىي پائالىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ.دۆلەت بىدئەت تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ بىدئەت جىنايى ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.28-ماددا، دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورىزمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئاخبارات توپلاش، تەكشۈرۈش، مۇداپىئەلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ئىشلەپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق جازالايدۇ.29-ماددا، دۆلەت ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن پائال ساقلىنىدۇ، ئۇنى ئازايتىدۇ ۋە پەسەيتىدۇ، جامائەت ساغلاملىقى، جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تىنچلىقىنى قوغدايدۇ.30-ماددا، دۆلەت ئېكولوگيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ۋە مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك خەۋپ – خەتىرىدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىدۇ، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ياشىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي مۇھىت، شارائىتنىڭ تەھدىتكە ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.31-ماددا، دۆلەت يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچلىق ئاساسىدا پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يادرونىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كېڭىيىپ كېتىشتىن ساقلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو ئەسلىھەلىرى، يادرو ماتېرىياللىرى، يادرو ھەرىكەتلىرى ۋە يادرو تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتەك بىخەتەر باشقۇرۇشنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىدۇ، يادرو ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يادرو ھادىسىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان زىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى كونترول قىلىپ ۋە تۈگىتىپ، يادرو تەھدىتى ۋە يادرو ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.32-ماددا، دۆلەت تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تاشقى بوشلۇق، خەلقئارالىق دېڭىز ئاستى رايونى ۋە قۇتۇپ رايونىدىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر كىرىپ–چىقىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئېچىپ پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى بوشلۇق، خەلقئارالىق دېڭىز ئاستى رايونى ۋە قۇتۇپ رايونىدىكى پائالىيىتى، مەبلىغى ۋە باشقا مەنپەئەتىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ.33-ماددا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەلدىكى جۇڭگونىڭ پۇقرالىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتىنى تەھدىتكە ۋە دەخلىگە ئۇچراتمايدۇ.34-ماددا، دۆلەت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.3-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى35-ماددا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرىنى قارار قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاش، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشىنى قارار قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.36-ماددا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە، جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكنى جاكارلايدۇ، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكنى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك پەرمانىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.37-ماددا، گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي نىزاملارنى چىقىرىدۇ، ئالاقىدار مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، ئالاقىدار قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملار ۋە سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ؛ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشىنى قارار قىلىدۇ؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.38-ماددا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش فاڭجېنىنى بېكىتىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي نىزاملارنى چىقىرىدۇ، ئالاقىدار قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ.39-ماددا، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت فاڭجېن، سىياسەت ۋە قانۇن–نىزاملارنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئۆز سىستېمىسى، ساھەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.40-ماددا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرىدۇ.شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.41-ماددا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۈرگۈزىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۈرگۈزىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى جازالايدۇ.42-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە يىغىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، تەييارلىق سوراق قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ھوقۇقىنى شۇنىڭدەك قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.43-ماددا، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە–كەلمەس ئىشلەتمەسلىكى، شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.4-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈمى1 -پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە44-ماددا، مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، ماسلاشتۇرۇلغان، ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ.45-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە مۇھىم ساھەلەرنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ.46-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە چوڭ–چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.47-ماددا، تارماقلار ۋە جايلار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك.48-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، تارماق ھالقىغان كېڭىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ–چوڭ ئىشلارنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.49-ماددا، دۆلەت مەركەز ۋە جايلار ئارا، تارماقلار ئارا، قىسىم ۋە يەرلىك شۇنىڭدەك رايونلار ئارا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ.50-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالاقىدار ساھەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولىدۇ.2 -پاراگراف ئاخبارات–ئۇچۇر51-ماددا، دۆلەت بىر تۇتاش سىستېمىلاشقان ئىنكاسى تېز، توغرا، ئۈنۈملۈك، يۈرۈشۈشى راۋان ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، تەھلىل قىلىش ۋە پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئاخبارات–ئۇچۇر خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يىغىش، توغرا تەھلىل قىلىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.52-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات – ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە يىغىدۇ.دۆلەت ئورگىنى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئېرىشكەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.53-ماددا، ئاخبارات–ئۇچۇر خىزمىتىنى ئىشلەشتە، زامانىۋى پەن–تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش، تاللاش، ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.54-ماددا، ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، توغرا، ئەينەن يوللاش كېرەك. كېچىكتۈرۈشكە، چۈشۈرۈپ قويۇشقا، يوشۇرۇشقا ۋە يالغان مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.3 -پاراگراف خەۋپ–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باھالاش، سىگنال بېرىش55-ماددا، دۆلەت ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.56-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.ئالاقىدار تارماقلار مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش دوكلاتىنى قەرەللىك يوللىشى كېرەك.57-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، خەۋپ–خەتەر سىگنالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.58-ماددا، پات ئارىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ياكى يۈز بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋەقەلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.4 -پاراگراف تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش59-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان، مۇئەييەن ئەشيا تۈرى ۋە ھالقىلىق تېخنىكا، تور ئۇچۇرى تېخنىكا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى شۇنىڭدەك باشقا چوڭ–چوڭ تۈرلەر ۋە پائالىيەتلەرنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى پەسەيتىدۇ.60-ماددا، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا بىنائەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش قارارىنى قانۇن بويىچە چىقىرىدۇ ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش پىكرىنى قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ.61-ماددا، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمىتىگە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.5 -پاراگراف كىرىزىسنى تىزگىنلەش62-ماددا، دۆلەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى چىقىرىدۇ.63-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان چوڭ–چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جايلار مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىنائەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىدۇ.64-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ، جىددىي ھالەتكە، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش ياكى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىشقا، قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە قارار قىلىدۇ.65-ماددا، دۆلەت جىددىي ھالەتكە، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈشنى قارار قىلسا ياكى دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە سەپەرۋەر قىلسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار ئورگانلار قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىشتەك ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.66-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە قوللانغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تىزگىنلەش تەدبىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپنىڭ خاراكتېرى، دەرىجىسى، دائىرىسىگە ماس كېلىشى كېرەك؛ تەدبىر كۆپ بولۇپ، تاللاش ئىمكانىيىتى بولسا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشقا پايدىلىق تەدبىرنى تاللاش كېرەك.67-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش ۋە ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىس ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار ئورگانلار بەلگىلىمە بويىچە توغرا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش، كېڭىيىپ كېتىش، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى شۇنىڭدەك كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قانۇن بويىچە بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى كېرەك.68-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋەقەسى تىزگىنلەنگەن ياكى تۈگىگەندىن كېيىن، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىپ، قالدۇق ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.5-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالىتى69-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.70-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.71-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەت ۋە جابدۇقنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.72-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ئەشيا زاپىسى تەييارلاشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەشياسىنى تەقلىشى، ساقلىشى ۋە ئاسرىشى، زاپاس ئەشيانى قەرەللىك تەڭشەپ، ئالماشتۇرۇپ، زاپاس ئەشيانىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.73-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.74-ماددا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان كەسپىي خادىملار ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ، تەربىيەلەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت ئالاقىدار ئورگانلاردىكى مەخسۇس دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سالاھىيىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنى ئاشۇرىدۇ.75-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قانۇن بويىچە زۆرۈر ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ، ئالاقىدار تارماق ۋە جايلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قوللىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.76-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت ئاخبارات–تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق–تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى مىللىي مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەمۇرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاشۇرىدۇ.6-باب پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى77-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئائىت تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:(1) ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملاردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش؛(2) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛(3) بىلىپ قالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى ئەينەن بېرىش؛(4) دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش ياكى ۋە باشقا ياردەملەرنى بېرىش؛(5) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلارنى قوللاش ۋە ياردەملىشىش؛(6) بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش؛(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان شەخس ياكى تەشكىلاتقا ماددىي ياردەم بېرىشىگە ياكى ياردەملىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ.78-ماددا، ئورگانلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكى خادىملارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تەربىيەسى بېرىشى، ئۆز ئورنىدىكى خادىملارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشكە ۋە ئۇنى توسۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك.79-ماددا، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.80-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قوللاش ۋە ياردەملىشىش ھەرىكىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىش سەۋەبىدىن، ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.81-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلاردىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىش سەۋەبىدىن، مال–مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ جىسمانىي زەخىمگە ئۇچرىغانلىرىغا ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە بېرىلىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىنىدۇ.82-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ئۈستىدە تەنقىد، تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بار، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بار.–83ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىنى چەك قىلىش كېرەك.7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ–84ماددا، بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.مۇتەخەسىسلەر چۈشەندۈرىشىبىرىنجى يارقىن نوقتا : ئۇنۋىرسال،ئومومىيۈزلۈك،ئاساس خاراكتىرلىك دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى.چىڭخۇا ئۇنۋىرىستىتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭجىنمىن :مەركەزنىڭ قارارلىرى دۆلەت دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،دۆلەت بىخەتەرلىكى ئومومى نوقتى –نەزىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇن تۈزۈم سىستىمىسىنى بەربا قىلىش، مانا بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى يىڭى قانۇنىنى تۈزۈشنىڭ مەقسىتى.مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى دۆلەت-مۇداپىئە سىياسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇخاۋ : دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى تەرەققىياتى ئۆزگىرىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋىرسال، ئومومى خاراكتىرلىك،ئاساس خاراكتىرلىك بىر قانۇن تۈزۈشىگە مۇھتاج . دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ بولۇپ، كۆپىنچىسى پىرىنسىپ خاراكتىرلىك بەلگىلىمىلەر، بۇ ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق تولۇقلاشقا تىگىشلىك بوشلۇقلار ئاساسلىق قىلىپ ھەل قىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭدىن كىيىن تۈزىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك تولۇقلاش خاراكتىردىكى قانۇن-تۈزۈملەرگە بوشلۇق يارىتىپ بەردى.ئىككىنجى يارقىن نوقتا : دۆلەت ئىقدىسادى بىخەتەرلىكىنى قوغداشجۇڭگۇ سىياسى – قانۇن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مادىخۈەي : بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى، ئىقدىسادى بىخەتەلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزىمىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، بۇندىن كىيىنكى ئىقدىسادى بىخەتەلىك تەپتىش –نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.ئۈچىنجى يارقىن نوقتا : مەدىنىيەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشجۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى قانۇن پەنلىرى باشقارمىسى خەلقىئارا قانۇن ئىستىراگىدىيە تەتقىقات بۆلىمىنىڭ مۇدىرى لىجوڭ : بىزنىڭ مەدىنىيەت بىخەتەرلىكىمىز ھەرگىزمۇ مەدىنىيەتنى قامال قىلىش ، گەپ-سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئەمەس ، ھەم بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماسلىقىمىزمۇ ئەمەس ، بىز داۋاملىق باراۋەر سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇشۇ جەرياندا جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى بىيىتىپ ،پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشىشىمىز لازىم.تۆتىنجى يارقىن نوقتا : دۆلەتنىڭ تور بوشلۇق مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى قوغداشچىڭخۇا ئۇنۋىرىستىتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭجىنمىن : بۇ قانۇن « تور بوشلۇقى مۇستەقىللىق ھوقۇقى» ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ ئىنىق شەرھىيلەپ بەردى، بىزبۇنى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ توربوشلىقىدا ئىپادىلىنىشى ، داۋامى ۋە ئەكىس ئىتىشى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.بەشىنجى يارقىن نوقتا : ئالەم بوشلۇقى،دىڭىز ۋە قۇتۇپ رايونى قاتارلىق يىڭى ساھەلەردىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانۇن ئاساس بىلەن تەمىنلىدىجۇڭگۇ سىياسى – قانۇن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مادىخۈەي : جۇڭگۇ بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6دىن 1نى ئىگەللەيدۇ، مۇشۇ خىلدىكى يىڭى ساھەلەرگە كىرىشنى تەستىقلىدى ۋە قاتناشتى ، بىرقىسىم خەلقىئارا ئەھدىلەرنى ئىمزالىدى. جۇڭگۇنىڭ ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەيدىغان ،بۇ يىڭى ساھەلەردە ئىزدىنىش ، ئىچىش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىدىغان ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. بۇ جەرياندا بىزنىڭ قانۇن بويىچە ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىمىز، مال-مۆلۈكلىرىمىز ۋە خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھوقۇقىمىزمۇ بار.

  • قانداق قىلساق دۆلەت بىخەتەرلكىگە بىلىپ–بىلمەي خىلاپلىق قىلغان بۇلىمىز

    دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىق دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرىدىغان ھەرخىل قىلمىشلارنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، تېزدىن پاش قىلىڭ!!!تېلفون نومۇرى: 12339 غا تېلفون قىلىڭ.كۈندە بىرقىسىم «دۆلەت خەۋىپسىزلىك قانۇنى »غا مۇناسىۋەتلىك، قىسقا فىلىم يوللىنىدۇ.دۆلەت بىخەتەرلىكى جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ!!ھەربىر پۇقرانىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مەجبۇرىيىتى بار!

  • بۇ يەرنى بىسىپ تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ !

    شىنجاڭ كاتىپ تور-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ( ئۇلىنىش Com تورى ) ئاخپارات ئىشخانىسىغا تەۋە !

    شىنجاڭ كاتىپ تور-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلىدى

    ئىشخانا نۇمىرى : 0991-8555559

    Copyright 2015 Intil School All Rightes Reserved / Designed by Ulinix.Com