20دۆلەت
  • شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-سېنتەبىر خاڭجۇدا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم، تېز راۋاجلانماقتا. تەرەققىي قىلىۋاتقان قوشنا ئەللەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان يۇقۇرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى قاتلاملار، ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدە دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئاشۇرۇشى كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھىندىستان بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بىللە 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دۆلەتلىرىمىزگە، ئۆز رايونىمىزغا، دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. 21-ئەسىر ئاسىيا ئەسىرى، ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھىندىستان جۇڭگوغا ماسلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشىنى كۈتمەكتىمەن.

  • شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن پاراڭلاشتى

    3-سېنتەبىر كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن پاراڭلاشتى.

  • خاڭجۇ ۋاقتى باشلاندى، شى جىنپىڭ قايسى كونا دوستلار بىلەن كۆرۈشتى؟

    ئىككى كۈندىن بۇيان خاڭجۇ شياۋشەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رەھبەرلەر كەينى-كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى. يىغىننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «G20 خاڭجۇ ۋاقتى» مۇ باشلاندى.2-سېنتەبىر رەئىس شى جىنپىڭ خاڭجۇنىڭ شىخۇگو مېھمانسارىيىدا ئالدى-كەينى بولۇپ 6 چەت ئەل رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، سېنېگال زۇڭتۇڭى سالېھ، لائۇس دۆلەت رەئىسى بوڭناڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى.نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.ئىككى دۆلەت رەھبىرى يەنە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشى بىلەن «نۇرلۇق يول» يېڭى ئىقتىساد سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى.زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى، ئىككى تەرەپ 21-ئەسىردىكى دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى تەشەببۇسى ۋە «يەر شارى دېڭىز-ئوكيان تىرەش نۇقتىسى» تەپەككۇرىنى ئاكتىپ ئۇدۇللاشتۇرۇشى كېرەك. جوكو بۇنىڭغا قارىتا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا لائۇس دۆلەت رەئىسى بوڭناڭ بىلەن كۆرۈشتى.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلوڭ بىلەن كۆرۈشتى.رەئىس بوڭناڭ ۋە زۇڭلى لى شيەنلوڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» توغرىسىدا سۆزلىدى. جۇڭگو-لائۇس ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، جۇڭگو-سىنگاپور چۇڭچىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە تۈرى... «بىر بەلباغ، بىر يول» چوقۇم تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.8-يانۋار جۇڭگو-سىنگاپور چۇڭچىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە تۈرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋېۋىسكىسى ئېسىلدى، تۇنجى تۈركۈمدە ھەمكارلىق تۈرلىرى ئىمزالاندى.خاڭجۇ ئۇچرىشىشىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بار ـــ يەنى، بۇ G20 تارىخىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ قاتناشقان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش.2-سېنتەبىردىكى ئۇچرىشىشتا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلگەن سىياسىي تەشەببۇسىنى قايتا تەكىتلىدى: يەنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەنپەئەتىنى قوغداش.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا سېنېگال زۇڭتۇڭى سالېھ بىلەن كۆرۈشتى.جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەكەزلەشكەن قۇرۇقلۇق. زۇڭتۇڭ سالېھ بىلەن كۆرۈشكەندە شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى:جۇڭگو سېنېگال بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، جۇڭگو-سېنېگال مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشى نەتىجىلىرىنى ئاكتىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساھەلەردىكى دوستلۇقى، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈشتىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كىشىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر بىلەن كۆرۈشتى.گەرچە بۇ تېمېرنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېمېرنىڭ رەئىس شى جىنىپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى ئەمەس. 2009-يىلى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەگە زىيارەتكە بارغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى ئاۋام پالاتا باشلىقى تېمېر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 2013-يىلى تېمېر مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.2-سېنتەبىردىكى كۆرۈشۈشتە رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ پىشقان، مۇستەھكەم دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت. جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە جۇڭگو-بىرازىلىيە ھەمكارلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى ئۆز تەرەققىياتىدىكى پۇرسەت ۋە ھەمراھ دەپ قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.تېمېر مۇنداق دېدى، بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇقىم، ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  • G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، پۈتۈن دۇنيا يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئىنتىزار بولۇپ، جۇڭگونىڭ يىغىندا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇشىنى، دۇنيا ئىقتىسادىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.G20خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قېتىمقى يىغىن تۆۋەندىكى ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە ئېچىلىدۇ:بىرىنچى، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشى ئاجىز. مەسىلەن، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سەل ياخشىلاندى، لېكىن ئانچە تۇراقلىق ئەمەس؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا بىر قەدەر ئاستا، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىمەيۋاتىدۇ، قەرز كىرىزىسى مەسىلىسى تېخى تامامەن ھەل قىلىنمىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى ناھايىتى زور سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلدى؛ ياپونىيە ئىقتىسادى ئىزچىل ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چېكىنىش ئوتتۇرىسىدا جان تالاشماقتا، گەرچە ياپونىيە ئاممىسى ئابى شىنزو ئىقتىسادشۇناسلىقىغا ناھايىتى چوڭ ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئىزچىل تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا.ئىككىنچى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كەمچىل بولدى، سودا قورۇقچىلىقى كۈچلىرى باش كۆتۈرۈپ قالدى، بەزى دۆلەتلەر ئاتالمىش ئادىل سودا، يېشىل مۇھىت ئاسراش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئارىيەت ئېلىش نامى بىلەن ئىختىيارىي سودا پىرىنسىپىغا ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بازىرىنى قوغداپ ھەم قامال قىلىپ، قارشى تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ سودا جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشىگە زەربە بەرمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىپ كېتىۋەرسە، يېڭى سودا قورغىنى ھەرخىل ئۆزگەرگەن شەكىلدە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن دۇنيا سودا ۋەزىيىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنيا سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۈچىنچى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئاشتى، شۇنداقلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. نېفىت، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر، تەبىئىي گاز، ئاشلىق قاتارلىق خەلقئارالىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى. يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت دۆلەتلىرىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ۋە تەڭشەشكە توغرا كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارى ۋە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، كېيىنكى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولدى.مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پۈتۈن دۇنيا بۇ قېتىمقى G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن بىر قاتار مەسىلىلەر زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشقا موھتاج . ھالبۇكى بۇ دەل G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەۋزەللىكى.بىرىنچى، تەجرىبە-ساۋاقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇزۇن مۇددەت بىر قەدەر تېز ئاشتى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو G20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، بۇ پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئىككىنچى، ئەمەلىي زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 چوڭ نەتىجىلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا، يەنى يېڭىلىق يارىتىش ئېشىش پىلانىنى تۈزۈش؛ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ ئەۋزەل ساھە، يېتەكچى پىرىنسىپ ۋە كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى تۈزۈش؛ يەر شارى سودا ئېشىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش؛ يەر شارى مەبلەغ سېلىش سىياسىتى يېتەكچى پىرىنسىپىنى تۈزۈش؛ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بىر گەۋدىلەشكەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى بەرپا قىلىش؛ ئافرىقا ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىش ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش؛ كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» نىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.بۇنداق ئېشىش تەپەككۇرى ۋە پىلانى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق. بۇنىڭ ئىچىدە ئېشىش پىلانى، سودا ئېشىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ھازىر بار بولغان ئىقتىسادىي ئېنېرگىيەنى قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن پىرىنسىپنى قوللىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.ئۈچىنچى، G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى «ئىجادچان، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ھەمتۈرتكە ۋە مەردانە بولغان دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چىڭ تۇتۇلغان. ئەگەر دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بىر خىل يېتەكچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قەدەر ئەمەلىي يول خەرىتىسى بولۇپ قالىدۇ.نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇپ، ئىقتىسادقا يېتەكچىلىك قىلىش يېڭىلىق يارىتىشقا جىددىي موھتاج. بۇ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىشكە موھتاج. ھەمتۈرتكە بولۇش دېگىنىمىز ئالدى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى، يەنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دېڭىز تىرانسپورتى ۋە دەريا تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتى، نېفىت-گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، توك يەتكۈزۈش، دېڭىز ئاستى ئېلېكتىر كابېلى ۋە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاش ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تۈزۈلمە ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ئىقتىسادىي تەننەرخنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، پايدا ئەڭ زور بولغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەردانە بولۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشى، ھەرقايسى قاتلامدىكى خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشى، باراۋەر، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئىقتىسادىي سىجىل تەرەققىياتنى كۆرسىتىدۇ.يۇقىرىدىكىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى نامايان قىلىشى يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە غايەت زور ھاسىلىي ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.

  • 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

    1-سېنتەبىر، 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ پائالىيىتى خاڭجوۋدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا 2016-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر پائالىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ زېڭۋېي سۆز قىلدى.

  • 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ پىدائىيلىرى

    1-سېنتەبىر، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجوۋ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئىچىدىكى پىدائىيلار تاراتقۇ خىزمەتچىلىرىگە قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىدى.

  • سېنېگال زۇڭتۇڭى سالى خاڭجوۋغا يېتىپ كەلدى

    20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجوۋ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغان سېنېگال زۇڭتۇڭى سالى 1-سېنتەبىر خاڭجوۋغا يېتىپ كەلدى.

  • 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

    1-سېنتەبىر، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئاخبارات مەركىزىي رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئاخبارات مەركىزى ئۇچۇر تارقىتىش ۋە مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ئاساسلىق سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى تاراتقۇلارنى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇلازىمىتى، خاڭجوۋ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئاخبارات سۈرەتلىرىنىڭ ئاختۇرۇش، كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  • 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجوۋ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئاخبارات مەركىزىگە نەزەر

    20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى 4-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە جېجياڭنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 1-سېنتەبىر ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  • دۇنيا ئەھلى G20 يىغىندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ

    لاتىن ئ‍امېرىكىسى ئ‍اگىنتلىقى، بېيجىڭ 29-ئ‍اۋغۇسىت تىلىگىراممىسى: 20دۆلەت گۇرۇھى G20 خاڭجۇ باشلىقلار ئ‍ۇچرىشىشىنىڭ ئ‍ېچىلدىغىنىغا بىر ھەپتىمۇ قالمىدى، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى، دۇنيا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.4- ۋە 5-سىنتەبىر خاڭجۇدا ئ‍ېچىلىدىغانG20 باشلىقلار ئ‍ۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق تىمىسى- «يېڭىلىق يارىتىلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئ‍ەپۇچان دۇنيا ئ‍ىقتىسادىنى بەرپا قىلىش »ھەم يېڭى پۇرسەتلەر ئارقىلىق دۇنيا ئ‍ىقتىسادىنىڭ ئ‍ېشىش يۇشۇرۇن كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر.تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا ئ‍ىقتىسادىنى ياخشىلاش ۋە پۇل مۇئامىلىنى تەرتىپكە سېلىش چارىلىرىنى ئ‍وتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش ئ‍ىقتىدارىنى ئ‍اشۇرۇش توغرىسىدا توختىىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر دۇنيا سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئ‍ىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئ‍ېچېۋىتىلگەن دۇنيا ئ‍ىقتىسادىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئ‍وتتۇرىغا قويىدىكەن.خاڭجۇدىكى باشلىقلار ئ‍ۇچرىشىشى خەلىقئارا ئ‍ىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ ئ